باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

2013-يىللىق داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ئېلان قىلىندى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش ۋە تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئىسلاھاتى داۋاملىق بىرلەشتۈرۈلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تولۇقلىمىسى ٪16.7 ئۆستۈرۈلىدۇ

2013.07.25 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-ئاينىڭ 24-كۈنى، «داۋالاش-دورىگەرلىك-سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ 2013-يىللىق ئاساسلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى» ئېلان قىلىندى.

  ئورۇنلاشتۇرمىغا ئاساسەن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىش نىسبىتىنى ٪95 بويىچە مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا، بۇ يىل داۋالىنىش سۇغۇرتىشى ۋە يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىغا قاتناشقان شەھەر-بازار ئاھالىسىغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنىڭ ئۆلچىمى كىشى بېشىغا 280 يۈەنگە يەتكۈزۈلۈپ، بۇلتۇرقىدىن 40 كۆپەيتىلىپ، ٪16.7 ئۆستۈرۈلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان جۇغلانما مەبلەغ 300 يۈەندىن ئاشىدىكەن؛ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشىغا قاتناشقان شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ سىياسەت دائىرىسىدىكى بالنىتسىدا يېتىپ داۋالىنىش چىقىمىنى كۆتۈرۈۋېتىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ٪70تىن ئاشىدىكەن ۋە ٪75 ئەتراپىغا يەتكۈزۈلىدىكەن، ئامبولاتورىيەدە داۋالىنىشنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش تەمىناتىمۇ مۇۋاپىق ئۆسىدىكەن.

  لى خۇڭمېي خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم