باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

٪7.6 لىك ئېشىش نىسبىتىدە لى كېچياڭنىڭ يېڭى ئىقتىسادىي ئىدىيەسى نامايان بولدى

‐‐ جۇڭگو ئىقتىسادىغا قانداق قارايمىز (3)

2013.07.24 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 15-چېسلا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP)نىڭ 24 تىرىليون 800 مىليارد يۈەن بولغانلىقى دەسلەپكى قەدەمدە ھېسابلاب چىقىلغان بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪7.6 ئاشقان.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا GDPنىڭ ٪7.6لىك سۈرئەت بويىچە ئاشقانلىقى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بىزنىڭچە، ئىقتىسادنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئېشىشى سۈرئىتى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە نۆۋەتتىكى ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشنىڭ ئاساسىي مەنتىقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  ٪7.6 لىك ئېشىش سۈرئىتى ٪7.5لىك كۆزلىمە نىشاندىن يۇقىرى، بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى. بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە GDP ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪7.7 ئاشتى، ئىككىنچى پەسىلدە ٪7.5 ئاشتى، تۆۋەنلەش نىسبىتى بىر قەدەر كىچىك. بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلگىچە بولدا ئۇدا بەش پەسىلدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ٪7.4 بىلەن ٪7.9 ئارىلىقىدا بولدى.

  ئەمەلىيەتتە، ئىقتىسادنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئېشىشى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتىن مۇقىم ئېشىشىقا ئۆتۈش جەريانىنىڭ ئىسخېمىسىنى سىزىپ بەردى. جۇڭگو ئىقتىسادى 2011-يىلى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشقان بولسا، 2012-يىلىغا كەلگەندە ٪7.8كە چۈشۈپ قالدى، ئاندىن يەنە ئاستىلاپ ٪7.6كە چۈشتى. بۇ ئۇشتۇمتۇت چۈشۈش ئەمەس، بەلكى ئاستىلاش ئاساسىدا مۇقىملىشىشقا يۈزلەنگەن ئۆتكۈنچى جەريان. بۇ جەريان بازار ۋە جەمئىيەتكە مۇقىم كۆزلىمە ئېلىپ كەلدى. (زو ۋېيگو خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل