باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئىش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى ئالدىنقى يېرىم يىلدا 3588 يۈەن بولۇپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.37 ئاشقان

2013.07.26 17:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2013-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا شەھەر-بازارلاردىكى ئىش ئورنىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى 3588 يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.37 ئاشقان، %60 ئىش ئورنىدىكى خىزمەتچىنىڭ ئىش ھەققى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى سەۋىيىسىدىن يۇقىرى بولغان.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 24-ئىيۇل ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى دۆلەت ئىلكىدىكى ئىقتىساد، كوللېكتىپ ۋە باشقا ئىقتىسادىي ئورۇنلاردىكى خىزمەت ئورنىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى مۇقىم ئېشىشتەك ياخشى تەرەققىيات ھالىتىنى ساقلىغان. شەھەر-بازارلاردىكى ئورۇنلاردا خىزمەتتىكى خادىملارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى 3588 يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.37 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە: دۆلەت ئىلكىدىكى ئورۇنلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى 3397يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.41 ئاشقان؛ كوللېكتىپ ئېگىلىكىدىكى ئورۇنلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى 4057 يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.05 ئاشقان؛ باشقا ئورۇنلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى 981 يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.34 ئاشقان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە