باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«كاۋاپ شاھى» قەشقەر يەرمەنكىسىدە...

2013.07.29 10:34        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قەشقەر يەرمەنكىسى باشلانغان كۈنى، شېرىن مېۋىلەر، مەززىلىك تائاملارنىڭ خۇشپۇراق ھىدى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، مېۋە-چىۋە كۆرگەزمە رايونى ۋە مەززىلىك تائاملار كوچىسىنى قاپلىدى. بىز پەيزاۋات ناھىيەسىدىن كەلگەن «كاۋاپ شاھى» سەمەتجان ئابلانىڭ يايما ئورنىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەنلەرنىڭ ئۇنىڭ پۈتۈن قوي گۆشى كاۋىپىغا ئېغىز تېگىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ئۇقۇشىمىزچە، بۇ قېتىمقىسى «كاۋاپ شاھى» نىڭ ئىككىنچى قېتىم قەشقەر يەرمەنكىسىگە قاتنىشىشى بولۇپ، بۇلتۇرقى يەرمەنكىنىڭ تۇنجى كۈنىلا 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغانىكەن.

  سەمەتجان ئابلا بىزگە مۇنداق دېدى: مېنىڭ پىشۇرۇۋاتقىنىم پەيزاۋاتنىڭ يەرلىك قوي گۆشى، يۇرتىمىزنىڭ پاقلانلىرى تۇز يالاپ چوڭ بولغاچقا، گۆشى مەززىلىك پىشىدۇ.

  سەمەتجان پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسىدىن بولۇپ، 2000-يىلىدىن باشلاپ بارىن بازىرىدا كاۋاپچىلىق قىلغان، ئۇ ئون يىلدىن بۇيان، كەچلىك بازاردا كاۋاپ سېتىشتىن زورىيىپ، ناھىيە بازىرىدا كاۋاپخانا ئېچىپ، 15 ياشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق «كاۋاپ شاھى» غا ئايلانغان.

  ئۇقۇشىمىزچە، سەمەتجان كاۋاپخانىسى ھەر كۈنى 30 قوينىڭ گۆشىنى كاۋاپ قىلىپ سېتىپ، 50 مىڭ يۈەنگە يېقىن سودا قىلىدىكەن، ھەممە چىقىمنى چىقىرىۋەتكەندە كۈنلۈك ساپ كىرىمى 3000 يۈەنگە يېتىدىكەن. ئۇ ھازىر گۆش سۈپىتى ۋە مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 12 باقمىچىلىق ئائىلىسى بىلەن توختام ئىمزالاپتۇ. (ئىختىيارىي مۇخبىر قادىر ئىسلام، تۇرسۇنجان خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل