باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نەنجىڭ ئاسىيا ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى يېڭى ئەندىزىدە تېجەشلىك ئۆتكۈزىدۇ

2013.07.29 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەردە، 2-نۆۋەتلىك ئاسىيا ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى ئاسىيادىكى 196 شەھەردە تور ئارقىلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئاخىرلىشىپ، جياڭسۇدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە يەتكۈزۈش باشلاندى.

  8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە، ئاسىيا ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېلىمىزنىڭ تارىخىي مەدەنىيەتلىك شەھىرى نەنجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، نەنجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، 2-نۆۋەتلىك ئاسىيا ياشلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ ئىجرائىي رەئىسى ياڭ ۋېيزې مۇنداق دېدى: «بىز بۇ قېتىملىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئەڭ تېجەشلىك ئۆتكۈزۈپ، ياش-ئۆسمۈرلەرگە تەنتەربىيە روھىنىلا ئەمەس، ئىقتىسادچىللىق روھىنىمۇ يەتكۈزىمىز.»

  ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مۇھىم بۇرچ تېخىمۇ كۆپ ياش-ئۆسمۈرلەرگە «ئالاھىدە، دوستانە، ئىززەت-ھۆرمەت» ھەققىدە قىممەت تەربىيەسى بېرىشتۇر.

  نەنجىڭ ھەم خەلقئارا مۇسابىقە قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىدۇ، ھەم جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرىدۇ؛ ھەم مۇسابىقىنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، ھەم يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ؛ مۇسابىقە مەيدانى ۋە ئەسلىھەلىرىگە قارىتا «ئۆزگەرتكىلى بولسا قايتا سالماسلىق، رېمونتلىغىلى بولسا ئالماشتۇرماسلىق، ئىجارىگە ئالغىلى بولسا سېتىۋالماسلىق، ئارىيەتكە ئالغىلى بولسا ئىجارىگە ئالماسلىق» يولىنى تۇتىدۇ.ئۇ ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىپ، «ئاز پۇل بىلەن چوڭ ئىش قىلىش؛ ئاز پۇل بىلەن ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش»تىن ئىبارەت نەنجىڭ ئەندىزىسىنى ياراتتى.ئۇ قالدۇرغان تەربىيە بايلىقى نەنجىڭ ئولىمپىك تەربىيەسى پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئولىمپىك تەربىيەسى بويىچە ئۈلگە مەكتەپ»تىن 100نى بارلىققا كەلتۈردى.

  ئۇ قالدۇرغان مەنىۋى بايلىق تەنھەرىكەتچى، ئاتا-ئانىلار ۋە كېيىنكى ئەۋلادلاردىن ئىبارەت «ئۈچ ئەۋلادقا ئىلھام بەردى». (جاۋ جىڭئەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل