باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت نىڭ خىمىيىلىك قورال تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سۇرىيەدىن ئايرىلدى

2013.07.29 16:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىمىيىلىك قورال تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى 25-ئىيۇل سۇرىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇئەللىم قاتارلىق ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن سۇرىيەدىن لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتقا يۈرۈپ كەتتى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سۇرىيەدىن ئايرىلغان كۈنى سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشق قاتارلىق نۇرغۇن يەرلەردە نۇرغۇن قېتىم ھۇجۇم ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 17 ئادەم قازا قىلدى، ئون نەچچە ئادەم يارىلاندى.

  سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى جېرمانادىكى پارتلاش ۋەقەسى ھەققىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسىگە خەت يېزىپ: ئىراق بىلەن شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى پەيدا قىلدى، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئۆلۈم يىتىم پەيدا قىلدى دېدى. خەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلىشى ئۈمىد قىلىندى ھەمدە ئالاقىدار دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ سۇرىيەدىكى تېررورلۇق قوراللىق تەشكىلاتلارغا ياردەم بېرىشنى توختىتىشى تەلەپ قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل