باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەلپىندە قۇشقاچلارنىڭ «ئەمىن ئۆي» ى بار بولدى

2013.07.30 17:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كەلپىن ناھىيەسىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇشلارنى قوغداشنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش، زىيانداش ھاشارەتلەرنى يوقىتىشتىكى ئەھمىيىتى كەڭ تەشۋىق قىلىنغانلىقتىن، جەمئىيەتتە قۇشلارغا ياشاش شارائىتى يارىتىپ بېرىش، قۇشلارنى قوغداش كەيپىياتى قويۇقلاشتى.

  ناھىيەدىكى ئالاقىدار تارماقلار زىيانداش ھاشارەتلەرنى ئوزۇق قىلىدىغان ئۇچار قۇشلارنى تېرىقچىلىق رايونلىرىغا جەلپ قىلىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مالىيەدىن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىش، كوللېكتىپ ۋە شەخسىيلەر ئازراقتىن چىقىرىش يولى بىلەن مەبلەغ توپلاپ، 3500 دىن ئارتۇق ئورۇنغا قۇش ئۇۋىسى ياسىدى. بۇنىڭ بىلەن دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ۋە باغ-ئورمانلاردىكى زىيانداش ھاشارەتلەرنى يوقىتىش دورىسىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى ئازايدى. ناھىيە بۇ جەرياندا ھەر يىلى 5-ئايدىكى مەملىكەت بويىچە قۇشلارنى قوغداش ھەپتىلىكى پائالىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ھەر ساھە ئاممىسىغا بۇ جەھەتتىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتتى. بۇنىڭ بىلەن، بۇ ناھىيەدىكىلەرنىڭ قۇشلارنى قوغداش ئاڭلىقلىقى كۈچەيدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل