باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو مائارىپ-پەن ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى يۈەن جېنگو ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى

2013.07.30 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   ئىلگىرى ئۇنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا ئايالى بىلەن بىللە چەت ئەلگە تەكشۈرۈشكە چىققانلىقى پاش قىلىنغانىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: تۈنۈگۈن، جۇڭگو مائارىپ-پەن ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىشىچى-خىزمەتچىلەر يىغىنىدا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خادىمى يۈەن جېنگونىڭ مائارىپ-ئىلىم-پەن ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ئالاقىدار ۋەزىپىلەرنى قايتا ئۆتىمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاكادېمىيە ئىشچى-خىزمەتچىلىرى مۇنداق دېدى: ئىنتىزام تەكشۈرگۈچى خادىملار يىغىندا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى، ئالاقىدار تارماقلار يۈەن جېنگودا چەت ئەلگە تەكشۈرۈشكە چىقىش، كاماندروپكا خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىشتا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشقا ئوخشاش قىلمىشلارنىڭ ساقلانغانلىقىنى ئىگىلىدى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇنىڭ ئىستىپا بېرىشىگە قوشۇلدى.

  تۈنۈگۈن، مائارىپ-ئىلىم-پەن ئاكادېمىيەسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى يۈەن جېنگونىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى دەلىللگەن.

  ئىلگىرى، يۈەن جېنگو ئالدى-كەينى بولۇپ «ھۆكۈمەت پۇلى ئارلىق ئايالى بىلەن چەت ئەلگە تەكشۈرۈشكە چىققان»، «كاماندروپكا خىراجىتى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن» دەپ پاش قىلىنغانىدى، ئۇ ئايالىنىڭ زىيارەت چىقىمىنى ئاكادېمىيەدىن چىقارمىغانلىقى، تەرجىمە خىراجىتىنى تېجەش ئۈچۈن ئۇنى بىللە ئېلىۋالغانلىقى ھەم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.(ليۇ جېننى خەۋىرى: جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل