باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شىنجاڭ تەڭرىتېغى يوللىرىنى رېمونت قىلىش ۋە ئۆزگەرتىشكە 30مىليون يۈەن ئاجراتتى

2013.07.30 17:16        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش – تىرانسپورت نازارىتى دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شىنجاڭ تەڭرىتېغى يولىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، 30 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ ، قاراجون – كۆلدىلەڭ ، بايىنبۇلاق ، بۇغدا قاتارلىق ئۈچ رايوننىڭ يولىنى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە رېمونت قىلىش ۋە ئۆزگەرتىپ ياساشنى پىلانلىدى .

  ‹‹شىنجاڭ تەڭرىتېغى ›› دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى نامزاتىغا كۆرسىتىلگەن بىر يۈرۈش يەر – جايلارنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، غەربتىن شەرققىچە تۆمۈر، قاراجون – كۆلدىلەڭ ، بايىنبۇلاق ، بۇغدا قاتارلىق 4 تارماق رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، ئومۇمىي كۆلىمى 5759 كىۋادرات كىلومېتىر . بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش–تىرانسپورت نازارىتى تېكەس ناھىيەسىدىكى قاراجون قاپسالاڭ كەنتى – چوڭقۇشتاي كەنتى تاشيولى ، بۇغدا كۆلى بەيياڭخې دەرياسى–سىگۇڭ نەنتەيزى تاشيولى ، ئاق قۇ كۆلى Y317 لىنىيەسىدىكى بايان ئۇل يېزىسى – لوتوبوزى كۆۋرۈكى Y312 ۋە G217 لىنىيەسى ئاچال تاشيولى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق رېمونت قىلىپ ئۆزگەرتىدۇ . ئۆزگەرتىپ ياسىلىدىغان تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 162.6 كىلومېتىر كېلىدۇ ، ئۆزگەرتىش داۋامىدا تەبىئىي مۇھىت بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىپ ، تاشيول قۇرۇلۇش تۈرى تۈرلۈك كۆرسەتكۈچىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمى ۋە ئېكولوگىيە تەلىپىگە يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ . (يۈەن لېي ، سۈن جيەنبىڭ خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل