باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«غەربنىڭ گازىنى غەرب ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشى جەنۇبىي شىنجاڭغا نەپ يەتكۈزدى

2013.07.29 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پۇقرالار كۆمۈر قالاپ تورۇسنى ئىسلاشتىن قۇتۇلىدۇ

  كارخانىلار تەبىئىي گازغا ئالاقىدار تۈرلەرگە مەبلەغ سالىدۇ


  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇل ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرى: 7-ئايدىن بۇيان، 2400 كىلومېتىرلىق جەنۇبىي شىنجاڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىش مەيدانىدا، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى تارىم نېفىت شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشچىلىرى قاتتىق ئىسسىققا قارىماي جىددىي قۇرۇلۇش قىلىپ، قۇرۇلۇشنى پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تەييارلىق قىلدى.

  مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرى تۈركۈم-تۈركۈملەپ مەيدانغا كېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈردى. 2010-يىلى 7-ئايدا، ئومۇمىي سېلىنمىسى 6 مىليار 400 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2424 كىلومېتىر كېلىدىغان، 4 غول لىنىيە ۋە 19 تارماق لىنىيەدىن تەركىب تاپقان جەنۇبىي شىنجاڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە پايدا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى. بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، تارىم ئويمانلىقىنى ھالقا قىلغان تەبىئىي گاز غول تۇرۇبا تورى شەكىللىنىپ، يىلىغا 2 مىليارد كۇب مېتىر گاز بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. «جەنۇبىي شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش»، ماي-گاز كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، تەبىئىي مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئومۇميۈزلۈك، تېز، ماس تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلىدۇ، «غەربنىڭ گازىنى غەرب ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 5 ۋىلايەت-ئوبلاستقا قاراشلىق 42 ناھىيە (شەھەر)دىكى 4 مىليوندىن كۆپ ھەر مىللەت ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزىدۇ. (دەي فېڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل