باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورىيە ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتى يۇرتىغا ئاپىرىلدى

2013.07.30 09:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر چوڭ ئاپتوبۇس 29-ئىيۇل سائەت نۆلدىن ئون مىنۇت ئۆتكەندە، جېجياڭ ئۆلكىسى جياڭشەن شەھىرى دەپنە ئىدارىسىگە ئاستا كىرىپ كەلدى، نەق مەيداندا ساقلاۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا يىغلىغان ئاۋازلار ئاڭلاندى، كورىيە ئاسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ سان-فىرانسىسكودىكى ھاۋا ھادىسىسىدە قازا قىلغان ئۈچ قىزنىڭ جەسەت كۈلى يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىندى. قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولۇپ ئون ئادەم بالىلىرىنىڭ جەسەت كۈلىنى ئېلىپ، بېيجىڭ ۋاقتى 28-ئىيۇل سەھەردە شەرق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، سان-فىرانسىسكو خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن يولغا چىقىپ، 28-ئىيۇل سائەت 17 دە شاڭخەي پۇدۇڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى، ئارقىدىن ماشىنا بىلەن جياڭشەنگە باردى. نۇرغۇن ئۇرۇق-تۇغقانلار ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. بۇندىن باشقا، جياڭشەن شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە جياڭشەن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ دەپنە ئىدارىسىگە بېرىپ، ئۇلارنى ساقلىدى. كورىيە ئاسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ 214 بەلگىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانى شۇ جاي ۋاقتى 6-ئىيۇل سائەت 11 يېرىمدا سان-فىرانسىسكو خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ھادىسىگە ئۇچرىدى. بۇ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ جياڭشەن ئوتتۇرا مەكتىپىدىن ئامېرىكىغا يازلىق لاگىر پائالىيىتىگە ماڭغانلار ئىچىدە بىرسى نەق مەيداندا قازا قىلدى، بىرسى بەختكە قارشى ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىغا بېسىلىپ كېتىپ قازا قىلدى، يەنە بىرسى ئېغىر يارىلىنىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي 12-ئىيۇل قازا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل