باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 8 تىپىك مەسىلە توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2013.07.30 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە مۇنداق دېيىلدى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 8 تىپىك مەسىلە توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىرقاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىنى ئۇزاققىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئىستىل»نى قەتئىي تۈزىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى نىشانغا يەتمىگىچە بولدى قىلمايدىغان روھ بىلەن ئاداققىچە چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 8 تۈرلۈك بەلگىلىمە يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جايلار ۋە تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، پارتىيە ئىستىلى ۋە ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈردى. لېكىن يەنە ئايرىم پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بەلگىلىمىگە پىسەنت قىلماي، تەلەي سىناپ بېقىش غەرىزىدە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىشلىك تارماقلىرى بۇنداق قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ قاتتىق بىرتەرەپ قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى 8 تىپىك مەسىلە تۆۋەندىكىچە:

  1. خېنەن ئۆلكىلىك گىئولوگىيە-قېزىلما بايلىق قىدىرىش-ئېچىش ئىدارىسى ئۆلچەش-سىزىش ۋە جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر ئورنىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش مەسىلىسىگە قارىتا، ئورۇن پارتكومىنىڭ شۇجىسىغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى، ئالاقىدار جاۋابكارلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى ۋە زىياپەت خىراجىتى ئورۇن پارتكومى ئەزالىرىدىن تۆلىتىۋېلىندى.

  2. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى باش دىرېكتورىنىڭ 16 كىشىنى باشلاپ ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىپ، تاماشا قىلغانلىقىغا قارىتا، باش دىرېكتورغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى، ئالاقىدار جاۋابكارلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى ۋە بارلىق خىراجەتنى تۆلەشكە بۇيرۇلدى.

  3. سىچۇن ئۆلكىسى داجوۋ شەھىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ خىزمەت تەكشۈرۈش داۋامىدا ھۆكۈمەت پۇلىغا تاماشا قىلغانلىقىغا قارىتا، پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى، ئالاقىدار جاۋابكارلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى ۋە ئالاقىدار پۇل-مالنى تۆلەشكە بۇيرۇلدى.

  4. خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرى چىڭشەن رايونى شىنگوۋچياۋ كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمەت كومىتېتى شۇجىسىنىڭ 10 كىشىنى تەشكىللەپ خەينەن ئۆلكىسىگە بېرىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلغانلىقىغا قارىتا، پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى، ساياھەتكە قاتناشقانلار ساياھەت خىراجىتىنى تۆلەشكە بۇيرۇلدى.

  5. جىلىن ئۆلكىسى گۇڭجۇلىڭ شەھەرلىك پارتكومىنىڭ شۇجىسى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ خىزمەت كۈنىدىكى چۈشلۈك تاماقتا ھاراق ئىچكەنلىكى ئۈچۈن پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  6. شاڭخەي شەھىرى باۋشەن رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى مۇھىت مەمۇرىي تەپتىشلىك تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ زىياپەتكە بېرىپ ھۆرمەت پۇلى ئالغانلىقىغا قارىتا، پارتىيەدە قالدۇرۇپ ئىككى يىل كۆزىتىش ۋە مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى، ئالاقىدار جاۋابكارلارغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى ۋە مەمۇرىي جەھەتتە چوڭ جازا يېزىلدى، ھۆرمەت پۇلى ۋە مال سېتىۋېلىش كارتىلىرى قايتۇرۇۋېلىندى.

  7. خۇنەن ئۆلكىلىك ئەدلىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرىنىڭ ئوغلىغا ھەشەمەتلىك توي ئۆتكۈزۈپ ھۆرمەت پۇلى ئالغانلىقىغا قارىتا، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى، ساقچى ماشىنىسىنى ھەيدەپ تويغا كەلگەن 10 خىزمەتچىگە مەمۇرىي جەھەتتە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  8. خېنەن ئۆلكىسى گۇيۈەن ناھىيەسى پىڭدىڭفۇ بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى قوشۇمچە كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمەت كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى قىزىنىڭ تويىنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە ھۆرمەت پۇلى ئالغانلىقىغا قارىتا، پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوبۇل قىلغان ھۆرمەت پۇلى قايتۇرۇۋېلىندى. (تاڭ شۇچۈەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل