باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پايتەخت ئايرودۇرۇمىدىكى پارتلىتىش دېلوسىنىڭ جىنايەت گۇماندارىنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىش تەستىقلاندى

2013.07.30 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ پايتەخت خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ج خ شۆبە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، پايتەخت ئايرودۇرۇمىدىكى پارتلىتىش دېلوسىنىڭ جىنايەت گۇماندارى جى جۇڭشىڭ پارتلىتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى.

  7-ئاينىڭ 20-كۈنى پايتەخت ئايرودۇرۇمىدا پارتلىتىش دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئايرودورۇم ج خ شۆبە ئىدارىسى دەرھال مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. نۆۋەتتە جى جۇڭشىڭ (ئەر، 33 ياش، شەندۇڭ ئۆلكىسى جۈەنچېڭ ناھىيىسىدىن) نىڭ شەخسىي دەۋا تەلىپىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئىنچىكە تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق، ئۆزى ياسىۋالغان پارتلىتىش قۇرۇلمىسى ۋە تەشۋىقات ۋارىقىنى ئېلىپ، پايتەخت ئايرودورۇمىنىڭ T3 بىناسىغا بېرىپ ۋەقە تۇغدۇرغانلىقى، شۇنداقلا پارتلىتىش جىنايىتىنى سادىر قىلغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىت ئېنىقلاندى. سوراق قىلغاندا، جى جۇڭشىڭ يۇقىرىقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى.

  جىنايەت گۇماندارى جى جۇڭشىڭنىڭ قىلمىشى «جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 114-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇپ، پارتلىتىش جىنايىتىگە چېتىلىدۇ. «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 80-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بېيجىڭ پايتەخت خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ج خ شۆبە ئىدارىسى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى جى جۇڭشىڭنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويغانىدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل