باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق سارىيىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 86 يىللىقىنى تەبرىكلەش زىياپىتى ئۆتكۈزۈلدى(1)

2013.08.01 13:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا كاتتا كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 86 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال پولكوۋنىك چاڭ ۋەنچۈەن تەبرىك سۆزى قىلدى.

  بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەن خەلق سارىيىدا چىراغلار ۋالىلداپ يېنىپ تۇراتتى، خۇشال بايرام كەيپىياتى ئەتراپنى بىر ئالغان ئىدى. رەئىس سەھنىسى پەردىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا «1-ئاۋغۇست» دېگەن خەت يېزىلغان ئارمىيە گىرىبى ئېسىلغان، ئىككى تەرەپ كۆركەم قىزىل بايراقلار بىلەن تولغان ئىدى. «1927-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە» دېگەن چوڭ خەتلەر جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 86 يىللىق پارلاق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى.

  سائەت 18 دە، كۈتۈۋېلىش يىغىنى ھەيۋەتلىك «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئارمىيە مارشى» ساداسى ئىچىدە باشلاندى. چاڭ ۋەنچۈەن جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مېھمانلارغا قەدەھ سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئارمىيە قۇرۇلغان 86 يىلدىن بۇيان، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى پارتىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئۈمىدنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئالدىنقىلارغا كېيىنكىلەر ۋارىسلىق قىلىپ، غەيرەت-جاسارەت بىلەن كۆرەش قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئىشلىرى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ھىمايە قىلىش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىغا تۈرتكە بولۇشقا ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە ياراتتى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل