باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى دوختۇرخانا پاراخوتى پاكىستانغا بېرىپ داۋالاش مۇلازىمىتى قىلدى

2013.07.31 14:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئىناقلىق بۇرچى-2013» ناملىق ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىدىغان جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تىنچلىق دوختۇرخانا پاراخوتى 29-ئىيۇل ۋەزىپىسىنىڭ 4-بېكىتى بولغان پاكىستاننىڭ كاراچى پورتىغا يېتىپ بېرىپ، ئالتە كۈنلۈك دوستانە زىيارەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك داۋالاش مۇلازىمىتىنى باشلىدى.

  زىيارەت مەزگىلىدە، دوختۇرخانا پاراخوتى داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، داۋالاش شۆبىسىنى پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسى غەربچە تېبابەت دوختۇرخانىسىغا نۇقتىلىق داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىش، پاكىستان بىھادۇ ھەربىي مەشىق مەركىزىنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىدا سەييارە داۋالاشقا ئەۋەتىپ، پاكىستاننىڭ تېببىي خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئىلىم ئالماشتۇرىدۇ ۋە تېخنىكا ياردىمى بېرىدۇ، داۋالاش شۆبىسىنى يەرلىكتىكى ئالاھىدە مەكتەپلەردىكى بالىلارنى داۋالاش ۋە ئىئانە قىلىش پائالىيىتىگە ئەۋەتىدۇ. كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، داۋالاش مۇلازىمىتى باشلاندى. جۇڭگو ئەلچىخانىسىنىڭ بىر قىسىم خادىملىرى، جۇڭگو مەبلىغى ئورگانلىرى، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار ۋە پاكىستاننىڭ كۈتۈۋېلىش خادىملىرى پاراخوتقا چىقىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم بەدەن تەكشۈرتۈپ دىياگنوز قويغۇزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل