باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر ۋەزىيىتى بەش چوڭ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى(1)

2013.08.01 13:21         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر ھەربىي تەرەپ خەلق سايلىغان پىرېزىدېنت مۇرسىنى تەخىتتىن چۈشۈرگەندىن كېيىن، ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت مەنسۇر ئەڭ بالدۇر بولغاندا ئالتە ئايدىن كېيىن پارلامېنت سايلىمى ۋە پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىدەك «يول خەۋرىتىسى»نى ئېلان قىلدى. ئۇدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىۋاتقان ۋەزىيەتتە، يېرىم يىل ئىچىدە مىسىرنىڭ قالايمىقانچىلىق ۋەزىيىتىنى تىنجىتقىلى بولامدۇ-يوق ؟ بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بەش قىيىن مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا باغلىق.

  1. «يول خەرىتىسى»نىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا يولغا قويۇلۇش قويۇلماسلىقى. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، مىسىرنىڭ ۋەزىيىتى ئانچە ياخشى ئەمەس. ۋاقىتلىق باش مىنىستىر سايلىمىمۇ نۇرغۇن مۇشكۇلاتلاردىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا سابىق باش مىنىستىر بېربۇراۋىنى ۋاقىتلىق باش مىنىستىرلىققا بېكىتتى. ھەربىي تەرەپنىڭ قوللىغۇچىسى، ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبىرى بارادى ئۆزى ئارزۇ قىلغان باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرالمىدى. بېربۇراۋى باش مىنىستىرلىققا سايلانغاندىن كېيىن، پات يېقىندا قايتىدىن تەشكىللىنىدىغان يېڭى ھۆكۈمەتكە، مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىنىمۇ قاتناشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىراق، نۇر پارتىيەسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى يېڭى ھۆكۈمەتكە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىمۇ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتكە كىرىشنى رەت قىلدى. «يول خەرىتىسى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش كومىتېتىنى قايتا قۇرۇش، پارلامېنت سايلىمى ۋە پىرېزىدېنت سايلىمىنى ئۆتكۈزۈشتە، مىسىردىكى ھەر قايسى پارتىيەلەر ھەمكارلىق پوزىتسىيەسىدە بولۇپ، تەرتىپ بويىچە ئىش كۆرەمدۇ،-يوق؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس.

  2. ھەربىي تەرەپ پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەنپەئەتىدىن ھالقىپ پۈتۈن ۋەزىيەتنى كونترول قىلالامدۇ،-يوق. مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ داۋاملىق كوچىلاردا قارشىلىشى نامايىشى ئېلىپ بېرىشى ھەربىي تەرەپكە نىسبەتەن ئېغىر سىناق. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ھەربىي تەرەپ قاتتىق قول بولۇپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا تەدبىر قوللاندى. ئەگەر ھەربىي تەرەپ داۋاملىق بىر پارتىيەنى ئۆزىگە تارتىپ، يەنە بىر پارتىيەگە زەربە بېرىدىغان بولسا، ئۇنداقتا مىسىردا تېخىمۇ چوڭ كۆلەملىك قارشىلىق نامايىشى يۈز بېرىپ، زىددىيەت تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىن.

  3. مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ پوزىتسىيەسى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى نۆۋەتتە ئۈچ خىل تاللاشقا دۇچ كەلدى. بىرى، ھەربىي تەرەپنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، كېلىشىش ھەمكارلىق سىياسىتىنى قوللىنىپ، قارشىلاشماي، كېيىنكى قېتىملىق چوڭ سايلامدا قايتىدىن «باش كۆتۈرۈش»كە يول ئېچىش؛ يەنە بىرى، داۋاملىق قارشىلىشىپ، مۇرسىنىڭ ۋەزىپىسى ئەسلىگە كەلمىگۈچە، بىر كۈنمۇ توختىماستىن كوچىلاردا قارشىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىش ؛ ئۈچىنچىدىن، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، باشقا كەلگەننى كۆرۈش. تىنچ قارشىلىشىشتىن زوراۋانلىققا ئۆتۈپ، ھوقۇقنى قايتىدىن قايتۇرۇۋېلىش. مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى نۆۋەتتە ئىككىنچى خىل لايىھەنى قوللىنىۋاتىدۇ، ئەگەر ئەھۋال داۋاملىق تەرەققىي قىلىسا، 3-خىل لايىھەگە بۇرمىلىنىپ كېتىش مۇمكىنچىلىقىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل