باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لاگارد قاراتمىلىققا ئىگە ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلدى

2013.08.05 15:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 2 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى كىرىستىنا لاگارد 1 – ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: تەشكىلاتىمىزغا ئەزا دۆلەتلەر ئوخشاش بولمىغان ئىقتىساد ۋە مالىيە ئەھۋالىغا دۇچ كەلدى، شۇڭا، دۆلەتلەر ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، مالىيەنى تەرتىپكە سېلىش تەدبىرى ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھات تەدبىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

  لاگارد مۇنداق دېدى: ئەزا دۆلەتلەرگە ماس كېلىدىغان ئىقتىسادىي ئىسلاھات تەكلىپى مەۋجۇت ئەمەس، ياۋرو رايونى يەنىلا ‹‹ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپ››كە دۇچ كەلمەكتە، بۇنىڭ ئۈچۈن قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ۋە ھەر تەرەپلىك بانكا ئىتتىپاقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ مالىيەنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەشتىكى ئىشەنچلىك ئوتتۇرا مەزگىللىك پىلانى بولمىسا بولمايدۇ، بولۇپمۇ، ئامېرىكا پاراۋانلىق تۈرى ئىسلاھاتى يۈرگۈزۈشى، ياپونىيە ‹‹ئابې ئىقتىسادشۇناسلىقى ئۈچ تال يا ئوقى›› دىكى بارلىق مەزمۇنلارنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  لاگارد مۇخبىرىمىزنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتى ۋە قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش مۇساپىسى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي ئېشىش ئەندىزىسىنى مەبلەغ سېلىپ تۈرتكە بولۇشتىن ئىستېمال ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشتى، بىراق، ‹‹بۇنداق تىرىشچانلىق سىجىل بولۇشى كېرەك››. گۈللەنمە ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشى ئاستىلاۋاتىدۇ، ھىندىستان قاتارلىق گۈللەنمە ئىقتىسادىي گەۋدىلەر مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى ھەم ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا دۇچ كەلگەن چەكلىمىلىكنى بۇزۇپ تاشلىشى كېرەك.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان