باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

2013.08.02 17:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى لى كېچياڭ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 30 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 25 – ئىيۇل جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەت توغرىسىدا دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى رەھبەرلىرى ۋە پارتىيەسىز زاتلارنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى ھەم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  سۆھبەت يىغىندا، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاڭ باۋۋېن، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن چاڭجى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى يەن جۈنچى، جۇڭگو دېھقان – ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، جۇڭگو ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، ‹‹3 – سېنتەبىر››ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خەن چىدې، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى لىن ۋېنيى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ چىنمىن، پارتىيەسىز زات لىن يىفۇ سۆز قىلدى. ئۇلار ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسراش كەسپى ۋە ساغلاملىق كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن – تېخنىكا مۇلازىمەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكلىپ – پىكىر بەردى.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر يىل ئاخىرى نۆۋەت ئالماشقاندىن بۇيان، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى رەھبىرىي يولداشلار ئۆزلىرى يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيەسىز زاتلار ئۆزلۈكىدىن چارە – تەدبىر كۆرسىتىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ 1 – سېپىگە بېرىپ، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، شەھەر ۋە يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش، جەمئىيەت باشقۇرۇش، جامائەت مۇلازىمىتى، بۇلغىمىنى ئازايتىش قاتارلىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سۈپىتى يۇقىرى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئېرىشتى. كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ – پىكىرلەر بىزنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىمىز، ھاكىمىيەتنى ئىلمىي يۈرگۈزۈشىمىزدە مۇھىم رول ئوينىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكىلەر ۋە پارتىيەسىز زاتلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، كاللىمىزنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتتە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. ھازىر ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئىقتىسادنى سىجىل، ساغلام راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي شەرتى ھازىرلاندى. كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بىر تۇتاش پىلانلاپ مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك؛ شەھەرلەشتۈرۈشنى پائال ھەم مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرلەرنىڭ نوپۇس كۆلىمىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، ئوتتۇرا ۋە كىچىك شەھەرلەرنىڭ نوپۇس جەلپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يەرنى ھەر ۋاقىت تېجەپ ئىشلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسرىشىمىز كېرەك؛ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى پائال كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر بىر كىشىنى تىرىشىپ ئىشلەش، تىرىشىش ئارقىلىق بېيىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە ۋەزىپە ئېغىر، ھەر قايسى تەرەپلەر ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكىلەر ۋە پارتىيەسىز زاتلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئىقتىسادنى سىجىل، ساغلام راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇجەسسەملەپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىپ، ئەمەلىي چارە – تەدبىرلەرنى كۆپرەك كۆرسىتىپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنىڭ نىشان – ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان