باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>تۇرمۇش

ئىچكىردە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆزدە تۇتۇپ، 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ شىنجاڭدىن چىقىدىغان پويىز كۆپەيتىلىدۇ

2013.08.01 17:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 1-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 31-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ تۆمۈر يول تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا مەكتەپكە قايتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن شىنجاڭدىن چىقىدىغان پويىزنىڭ قېتىم سانى ۋە پويىز بېلىتى بىر تۇتاش ھالدا ئوقۇغۇچىلارنى كوللېكتىپ ئوقۇغۇچىلىق بېلىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىلىدىكەن، ئېشىنچە بېلەت بىر قەدەر ئاز بولىدىكەن.

  بۇ قېتىم ئوقۇغۇچىلار بېلىتىنى ئاساس قىلىدىغان پويىزلاردىن 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، 29-كۈنىدىكى ئۈرۈمچى-جىنەن 1086-قېتىملىق پويىز؛ 8-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى كۈيتۈن-شىئەن 1044-قېتىملىق پويىز؛8-ئاينىڭ 26-،28-،29-كۈنلىرىدىكى ئۈرۈمچى-ليەنيۈنگاڭ شەرق K1352-قېتىملىق پويىز؛ 8-ئاينىڭ 27-،28-،30-،31-كۈنلىرىدىكى ئۈرۈمچى-خاڭجۇ K596-قېتىملىق پويىز؛ 8-ئاينىڭ 26-، 27-،29-،30-كۈنلىرىدىكى ئۈرۈمچى-بېيجىڭ T178-قېتىملىق پويىز؛ 8-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى ئۈرۈمچى-خەنكو T194-قېتىملىق پويىز؛ 8-ئاينىڭ 25-،26-،27-،28-،29-كۈنلىرىدىكى ئۈرۈمچى-جىڭجۇ T198قېتىملىق پويىز؛ 8-ئاينىڭ 27-،28-كۈنلىرىدىكى ئۈرۈمچى-گۇاڭجۇ 36T-قېتىملىق پويىز؛ 8-ئاينىڭ 24-،25-،27-،28-كۈنلىرىدىكى ئۈرۈمچى-شاڭخەي T54-قېتىملىق پويىز.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ۋاقىتلىق پويىزلار قوشۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلار بېلىتى ئالدىن سېتىلىدىكەن. قوشۇلىدىغان ۋاقىتلىق پويىزلارنىڭ قېتىم سانى، بېلەت سېتىش ۋاقتى قاتارلىق ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولماقچى بولغانلار تۆمۈر يول تارماقلىرى چىقارغان ئومۇمىي ئېلانغا دىققەت قىلسا، ياكى پويىز بېكىتى، ۋاكالىتەن بېلەت سېتىش نۇقتىلىرىدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى