خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاۋغۇست ۋۇخەن تۈمۈر يول ساقچىلىرى ۋۇخەن پويىز ئىستانسىسىدا يازلىق توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، تۇتقۇن قىلىشقا قارشى تۇرۇش بىخەتەرلىك مانىۋېرى ئۆتكۈزدى، پويىزدا تۇتقۇن قىلىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ساقچى تەرەپنىڭ سۆزلىشىش، تۇتۇش، تارقاقلاشتۇرۇش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش ۋاستىلىرىنى قوللانغانلىقى ئەمەلىي مۇھىتتا تەقلىد قىلىندى.