باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتا خوت ئالماشتۇرۇلدى، ئىسلاھات تۈپ چىقىش يولى بوپقالدى

2013.08.02 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەرلىك ھۆكۈمەتلەردە دىترويتچە ۋەيران بولۇش كۆرۈلمەيدۇ
  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 1-ئاۋغۇستتىكى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ماكرو ئىگىلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ يىمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولماقتا، ئەگەر كېيىنكى يېرىم يىلدا ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشسە، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %7.5كە يېتىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتا خوت يۆتكىدى، لېكىن خوتنى يۆتكەپلا سۈرئەتنى يوقىتىشقا بولمايدۇ، ھەم قارىغۇلارچە ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا، ھەم مۇۋاپىق ئارىلىققا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىىدىغان ھەرقانداق ئازگال پەيدا قىلىشقا بولمايدۇ.

  ۋاڭ يىمىڭ مۇنداق دېدى: «مۇبادا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، تۆۋەنلەش يولىغا كىرىپ قالسا، ئىشەنچنىڭ يوقىلىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىشى يامان ئايلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.» ۋاڭ يىمىىڭ مۇنداق قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى: سېلىنما ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى زورايتىشقا تايىنىپ ئىقتىسادنىڭ ئاشۇرۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىش ئاجىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى تېز ئۆزگەرتىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا. ھۆكۈمەت ۋە بازارنىڭ چېگراسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بازارغا تېخىمۇ ھوقۇق بېرىش لازىم؛ نوپۇس، يەر، مالىيە-باجنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈزۈملەرنى ئىسلاھ قىلىش، شۇنىڭدەك ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن نوپۇسنىڭ شەھەرلىشىشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ، يەر قاتارلىق ئىشلەپچىقرىش ئامىللىرى ساھەسىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان ‹قوش رېلىس› تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش لازىم.»

  1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغان مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرزلەرنى تەپتىش قىلىشقا قارىتا، ۋاڭ يىمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مالىيە كىرىمى ۋە يەر پايدىسىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، جايلارنىڭ مەبلەغ سۇپىسى قەرز تۆلەش يۇقىرى دولقۇنىغا دۇچ كەلدى، جايلارنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرز خېيىم-خەتىرى تېخىمۇ زورىيىشى مۇمكىن، لېكىن جۇڭگودا ئامېرىكىنىڭ دىترويىت شەھىرىگە ئوخشاش ھۆكۈمەت ۋەيران قىلىدىغان شەھەرلەر بارلىققا كەلمەيدۇ. (لۇ يانەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر