باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا دۇنيانىڭ قورال-ياراغ تەمىنلىگۈچىسىگە ئايلاندى(1)

2013.09.18 14:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ئۆزىنىڭ كۈچ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، پۈتكۈل دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەرنى قۇرال بىلەن تەمىنلەپ، ئۆزىنىڭ قورال-ياراغلىرىنى ھەر قايسى تەرەپلەرگە تارىتىپ، يەر شارى بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزدى.

  كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن كېلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ قوراللىرىغا ئېرىشكەن دۆلەتلەر پۈتكۈل يەر شارىغا تارالدى، ئىراق، نىكاراگۇئا، ئافغانىستان، لىۋىيە، پاكىستان، ھىندونېزىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئامېرىكا قوراللىرىنىڭ تارقىلىش ئورنى بولدى.

  ئامېرىكا نىكاراگۇئانىڭ ئىستراتېگىيەلىك قاتناش ئورنى ۋە مول بايلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، 1912- يىلى مۇھاجىرلىرىنى قوغداشنى بانا قىلىپ بۇ دۆلەتتىكى ئامېرىكا پەرەز ھاكىمىيەتنى يۆلەپ تۇرغۇزدى، سابىق پىرېزىدېنت رىگان 1981- يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن،ئالاھىدە قىسىمنى ئەۋەتىپ نىكاراگۇئادىكى ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچىنى مەشىق قىلدۇرۇپ، پۈتكۈل لىنىيەنى ھەربىي قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەتراپتىكى دېڭىز ساھىلىگە مىنا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نىكاراگۇئانىڭ دېڭىز سودىسىنى ۋە سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قامال قىلدى. ئۈچ يىل ئىچىدە، چەتئەللەرنىڭ سەككىز پاراخوتى ۋە نىكاراگۇئانىڭ بەش پاراخوتى بىنا ئورۇنلاشتۇرۇلغان رايوندا كېتىۋاتقاندا مىناغا سوقۇلۇپ پارتلاپ، ئېغىر ئۆلۈم يىتىم ۋە مال مۈلۈك زىيىنى بولدى.

  سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كېڭەش كۈچىنى توسۇش ئۈچۈن، ئافغانىستاندىكى غازات تەشكىلاتىنى ئاستىرتتىن قوللاپ، ئۇلارنى تاكتىكا جەھەتتىن تەربىيىلىدى ھەمدە قۇرال بىلەن تەمىنلەپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنى ئافغانىستاندىن قوغلاپ چىقارماقچى بولدى. ئەينى ۋاقىتتا 22 ياشلىق بىن لادىن بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇھىم ئەزاسى ئىدى، 1988- يىلى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا، بىن لادىن ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنى قوغلاپ چىقارغاندىن كىيىن ئافغانىستاندىن ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۆزىنىڭ قىسمىنى يەنى بازا تەشكىلاتىنى قۇردى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر