باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكىلى بولامدۇ؟(1)

2013.09.24 16:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  57-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى يىغىنى يېقىندا ۋىيېنادا يېپىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم قىززىق نۇقتىلىق قارالمىغا ئايلاندى. ئىران خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن سۆھبەتلىشىش خايىشىنى بىلدۈردى، ئالاقىدار تەرەپلەرمۇ ئىراننىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىپ، ئۆزىنىڭ يادرو پىلانىدىكى ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  تەھلىلچىلەرنىڭ ھېسابلىشىچە، ئىراننىڭ سۆھبەتلىشىش خايىشىنى ئىپادىلىشى مەلۇم دەرىجىدە ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ يادروغا ئالاقىدار سىياسىتىنى سەل تەڭشىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىدە، ئىراننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ تېخىمۇ جانلىق بولغان دىپلوماتىيە ماھارىتىنى كۆرسىتەلىشى ياكى كۆرسىتەلمەسلىكى، ئۇزۇندىن بېرى ھەل قىلىنمىغان يادرو مەسىلىسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلالىشى ياكى قىلالماسلىقى، ھەر قايسى تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىغا ئايلانغان.

  ئىراننىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى قوشۇمچە ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سالىخ بۇ قېتىمقى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم «تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان خايىشى» بىلەن، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى ھەمدە سۆھبەتتە قۇيۇقلۇقى %20 بولغان ئۇراننى ئىشلەپ چىقىرىشنى توختىتىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، لېكىن يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش مەسىلىسىدە مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

  يېڭى پىرېزىدېنت رۇھانى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئىران دائىرلىرى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈردى، ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن يارىشىپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى 6 دۆلەت يەنى جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، گېرمانىيە بىلەن بولغان سۆھبەتنى قايتا باشلاش تەييارلىقىنى قىلىپ بولدۇق، دېدى. رۇھانى بۇ ئايدا ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىران غەرب ئەللىرى بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى، سۈرىيە مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشنى خالايدۇ، دېدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر