باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا دۇنيانىڭ قورال-ياراغ تەمىنلىگۈچىسىگە ئايلاندى(2)

2013.09.18 14:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوباما ھۆكۈمىتى 2011- يىلى قاتارنىڭ لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىنى قۇرال بىلەن تەمىنلىشىشنى مەخپىي تەستىقلىدى. بىراق ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى كېيىن، بىر قىسىم قۇراللارنىڭ ئەسەبىيلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، كازافى ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كىيىن لىۋىيەدە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى كېلىپ چىقىپ، كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە تەھدىت يەتكۈزىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

  ئامېرىكا 2009-يىلى تالىبانغا زەربە بېرىش ئۈچۈن،پاكىستان ئارمىيەسىنى ئاستىرتىن 1 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى قۇرال، جابدۇق ۋە يۇقىرى ئىقتىدارلىق سىنزو بىلەن تەمىنلىدى. ئامېرىكا ئارمىيەسى ئالاھىدە قىسىمنى ۋە قوللىغۇچى قىسىمنى ئەۋەتىپ، پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ مەشىق قىلىشىغا، قاتناشتى ھەمدە ئۇرۇش قىلىش تەكلىپىنى بەردى.

  ھىندونېزىيە 1975- يىلى شەرقىي تىمورغا تاجاۋۇز قىلىپ، بۇ دۆلەتتىكى ئۈچتىن بىر قىسىم نوپۇسنى قىرغىن قىلدى. بۇ مەزگىلدە ئامېرىكا ھىندونېزىيەنى داۋاملىق قۇرال بىلەن تەمىنلەپ، قىرغىن قىلىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھىندونېزىيەنى كېيىنكى ئەمدىشىدىن ساقلاپ قالدى. ئۇندىن باشقا، ئەينى ۋاقىتتىكى ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنى 1965- يىلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئامېرىكىنىڭ مەركىزى ئاخبارات ئورگىنى يۆلەپ تۇرغۇزغان بولۇپ، سىياسىي ئۆزگىرىشتە 500 مىڭدىن 1 مىليونغىچە پۇقرا قازا قىلدى. ئامېرىكا 1990-يىلى تۈركىيەنىڭ كودلارنى قىرغىن قىلىشىنى قوللاپ، نەچچە يۈز مىڭ كودنىڭ قازا قىلىشنى، 3 مىڭ كەنتنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئامېرىكا بۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىقتا %80 قۇرال بىلەن تەمىنلىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر