شۇ جاي ۋاقتى 20-سېنتەبىر، ئاق سارايدا ئۆتكۈزۈلگەن يارىدار ئەسكەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىدە، 5 ياشلىق قىز Allana تەمكىنلىك بىلەن ئوبامادىن مەكتەپكە رۇخسەت سوراش خېتى يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، تاراتقۇلار ئۇ قىزغا ۋاشىنگتوندىكى ئەڭ تەلەيلىك قىز دەپ نام بەرگەن.
Allanaنىڭ دادىسى كونا ئەسكەر بولۇپ، ئۇرۇشتا يارىلانغان. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە Allana نىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن. Allana ئاق سارايغا كىرگەندە ئۆزىنى ئەپقاچماستىن، بەلكى تەمكىنلىك بىلەن ئوبامانىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئوبامادىن بىر پارچە قەغەزگە ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى مەكتەپكە بارمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى يېزىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان. ھەيران قالارلىقى شۇكى، ئوباما خۇشاللىق بىلەن ئۇ قىزنىڭ تەلىپىگە قوشۇلغان.