باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

قازاقىستان ھۆكۈمىتى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىدۇ

2013.09.12 15:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قازاقىستان پىرېزىدېنتى نازاربايىف تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قازاقىستان ھۆكۈمىتى كەلگۈسى بەش يىلدا تىرىشىپ خۇسۇسىيلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ كارخانىلاردىكى پېيىنى تەدرىجىي ئازلىتىدۇ.

  نازاربايىف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇزاق نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بازار مېخانىزمىنى كۈچەيتىش قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدىكى ئالدىنقى تاللىشى. مېنىڭچە ئالدى بىلەن قازاقىستان كارخانىچىلىرىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  بۇندىن كېيىن قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ زور كۆلەملىك خۇسۇسىيلاشتۇرۇش، بىرىنچى باسقۇچ 2012-يىلى ئىككىنچى پەسىلدىن 2015-يىلىغىچە، خەلق ئاممىسىغا دۆلەت ئىلكىدىكى شىركەتلەرنىڭ پېيىنى ئاشكارا تارقىتىش: ئىككىنچى باسقۇچ 2015-يىلىدىن كېيىن، پېيىنى دۆلەت كونترول قىلىدىغان شىركەتلەرنى بازارغا يۈزلەندۈرۈش ئارقىلىق دۇنيا مىقياسىدا ئىستراتېگىيىلىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل