- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


پاكسىتاندىكى بەش ئاچا-سىڭىل نامراتلىق سەۋەبلىك ياتلىق بولالماي كوللېكتىپ دەرياغا سەكرەپ ئۆلۈۋالدى
2013.09.22 17:08 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
پاكىستان ساقچى تەرەپنىڭ 20-سېنتەبىر ئېيتىشىچە ، پاكىستاندىكى بىر نامرات ئائىلىدىكى بەش ئاچا-سىڭىل ئاتىسىنىڭ قىز مېلى بېرەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن كوللېكتىپ دەرياغا سەكرەپ ئۆلۈۋالغان .
يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئەمەلدارى مالىك داۋۇد ھەسەننىڭ فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە ، بۇ بەش ئاچا-سىڭىل پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ مايلىسى بازىرىدىكى دېھقان ئائىلىسىدىن بولۇپ ، ئەڭ چوڭى 45 ياش ، ئەڭ كىچىكى 31 ياشتا ئىكەن . ئائىلىسى نامرات ، ئاتىسىنىڭ قىز مېلى بېرىشكە قۇربى يەتمىگەنلىكتىن ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ياتلىق بولالمىغان . مالىك داۋۇد ھەسەننىڭ ئېيتىشىچە ، 19-سېنتەبىر ، ئاچا-سىڭىللار ئاتىسى بىلەن قىز مېلى توغرىسىدا جېدەللىشىپ قالغان ، ئاخىرىدا پۈتۈنلەي ئۈمىدى ئۈزۈلگەن قىزلار دەرياغا سەكرەپ ئۆلۈۋالغان .
جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىدا قىز مېلى نىكاھتىكى چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ . نۇرغۇنلىغان قىزلار ئائىلىسى نامرات بولغانلىقتىن ، يىگىت تەرەپ تەلەپ قىلغان قىز مېلىنى چىقىرىپ بېرەلمىگەنلىكتىن ، ياتلىق بولالمايدۇ . فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، پاكىستاندا ، قىزلار ئادەتتە 18 ياشتىن 28 ياشقىچە بولغان مەزگىلدە توي قىلىدىكەن . توي قىلىش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەن قىزلارنىڭ لايىق تېپىشى بەك تەس ئىكەن . ‹‹ قېرى قىز›› لار ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوستلىرى ، قوشنىلارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچراپلا قالماستىن ، ياتلىق بولالمىغانلىقتىن تۇرمۇشى ناھايىتى جاپا ئىچىدە ئۆتىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر