باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىكى ياخشى كادىر يولداش لەن خۈيدىن ئۆگىنەيلى

2013.09.24 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىكى ياخشى كادىر يولداش لەن خۈيدىن ئۆگىنىشكە چاقىردى.يولداش لۈن خۈي سىچۈەن ئۆلكىسى بېيچۈەن چياڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى بولۇپ، 2013-يىل 5-ئاينىڭ 23-كۈنى يېزا-بازار يوللىرىنى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈش داۋامىدا بەختكە قارشى ياردىن چۈشۈپ كېتىپ، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان.

  شى جىنپىڭ يوليورۇقىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش لۈن خۈي پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى باشتىن-ئاخىر قەلبىدىكى يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ھاياتى ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن ياخشى كادىر، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلارنىڭ ئۈلگىسى. كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئۇنىڭ ئېتىقادى قەتئىي، پارتىيەگە سادىق بولۇشتەك سىياسىي پەزىلىتىدىن، ئاممىغا رىشتە باغلاپ، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان خەلق چاكىرى بولۇش روھىدىن، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئالغا ئىنتىلىدىغان كەسىپ روھىدىن، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەيدىغان، دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئالىدىغان ئالىيجاناپ پەزىلىتىدىن ئۆگىنىپ، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق ئۈچۈن ئاڭلىقلىق بىلەن ئەمەلىي-پاك ئىشلەپ، ئۈلگىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىگۈدەك نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشى كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر