باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېزدىن تەرەققىي قىلدى(1)

2013.09.18 14:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېزدىن تەرەققىي قىلدى. يېقىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ 13- قېتىملىق يىغىنى بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلدى، ئەزا دۆلەتلەر بۇ قېتىمقى يىغىندا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۇستىدە ئىزدىنىشىنى بىلدۈردى.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 13- قېتىملىق يىغىنى 13- سېنتەبىر قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكەكتە ئۆتكۈزۈلدى. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستانە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەدبىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمدە زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى مەيدانىنى ماسلاشتۇرۇش بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى قىلىندى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ ۋە كۆپ ئۆزگىرىشچان خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادى ۋەزىيەتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ كۆپ خىرىسقا يولۇقماقتا، بېشكەك باشلىقلار يىغىنى ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى چىڭىتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 12 يىللىق تەرەققىيات تارىخىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، رايون بىخەتەرلىكىنى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزمغا ۋە ئىجابىي كۈچكە ئايلاندى. رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى بارىسكىي شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەر، رايون ۋە دۇنيا ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا خىلى مۇھىم رول ئوينىماقتا.

  2007- يىلى 8-ئايدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالىنىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتە بىر بىرىگە بولغان ئىشىنىشىنى ۋە ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىشغا مۇستەھكەم سىياسىي ۋە قانۇنى ئاساس سالدى. ئۆتكەن يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى تەستىقلىدى. بۇ تۇنجى قېتىم بۇ تەشكىلاتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىش توغرىسىدا چىقارغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك پىلانى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر