باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

كېلەر يىلىدىن باشلاپ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى يېڭى بەلگىلىمىنى يولغا قويۇپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، يىغىن خىراجىتىنى قاتتىق تىزگىنلەيدۇ

2013.09.24 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىزاھ: يىغىن خىراجىتى چىقىمى ياتاق خىراجىتى، تاماق خىراجىتى، مەجلىسخانا ئىجارە ئېلىش خىراجىتى، قاتناش خىراجىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 23-چېسلا مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىكتە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ يىغىن خىراجىتىنى باشقۇرش چارىسى»نى ئېلان قىلدى. 2014-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان بۇ يېڭى چارە مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىختىسادچىل بولۇپ ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى يىغىن ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  يېڭى «چارە»دە مۇنداق بەلگىلەندى: يىغىن خىراجىتى چىقىمى ياتاق خىراجىتى، تاماق خىراجىتى، مەجلىسخانا ئىجارە ئېلىش خىراجىتى، قاتناش خىراجىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يىغىن خىراجىتى چىقىمى ئۇنىۋېرسال نورما بويىچە تىزگىنلىنىدۇ، ھەرقايسى ئورۇنلار ئۇنىۋېرسال نورما ئۆلچىمى ئىچىدە راسچوت ۋە ئاتچوت قىلىشى، مالىيە تارماقلىرى يىغىن خىراجىتى چىقىمىنى بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا تەكشۈرۈپ، يىللىق پىلانغا كىرگۈزۈلمىگەن ۋە دائىرە ۋە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن چىقىمنى ئاتچوت قىلماسلىقى كېرەك. يىغىن خىراجىتىنى يىغىن چاقىرغۇچى ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىدىن يىغىشقا، ئۆزىگە قاراشلىق ئورگان، كارخانا-كەسپىي ئورۇن ۋە جايلارغا يۈكلەشكە ۋە چېچىشقا بولمايدۇ. (لى لىخۈي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر