باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى ⅩⅩ قاتارلىق بەش كىشىنىڭ باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتىگە 1-سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىندى، لى ⅩⅩكە ئون يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى

2013.09.27 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بېيجىڭ سوت مەھكىمىسى تورىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: خەيديەن رايونلۇق سوت مەھكىمىسى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 يېرىمدا جاۋابكار لى ⅩⅩ، ۋاڭ Ⅹ، ۋېي ⅩⅩ (ئاكا)، جاڭ ⅩⅩ، ۋېي ⅩⅩ(ئۇكا) لارنىڭ باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى. جاۋابكار لى ⅩⅩكە باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن 10 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى.

  مېڭ خېدىن بۇرۇن، لى ئائىلىسىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى لەن خې خەيديەن رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش ئورنى ئالدىدا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: ئەگەر لى ⅩⅩ جىنايەت ئۆتكۈزگەن دەپ ھۆكۈم قىلىنسا، گۇناھسىز دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ ئاقلاۋاتقان ئاقلىغۇچى ئادۋوكات ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ چوقۇم نارازىلىق ئەرزى سۇنىدۇ.

  خەيدىيەن سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ دېلودا، بەش جاۋابكارنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئاكتىپ ۋە بىۋاسىتە باسقۇنچىلىق قىلغان. ۋېي ⅩⅩ (ئاكا)، جاڭ ⅩⅩ، ۋېي ⅩⅩ (ئۇكا)لار بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن جىنايەتتە ئىككىنچى ئورۇندىكى ياكى ياردەمچى روللا ئوينىغان ئەمەس، شۇڭا بۇ ئۈچ جاۋابكارنى ئەگەشكۈچى جىنايەتچى دېگەن ئاقلاش پىكرىنى مەھكىمىمىز قۇبۇل قىلمايدۇ. لېكىن ھەرقايسى جاۋابكارلارنىڭ بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن جىنايەتتىكى رولىدا ھەقىقەتەن پەرق بار، مەھكىمىمىز دېلونىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە ھەرقايسى جاۋابكارلارنىڭ كونكرېت جىنايى قىلمىشىنى ئەتراپلىق ئويلىشىپ، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈشتەك جىنايى ئىشلار سىياسىتىگە ئاساسەن، جازا ئۆلچىگەندە پەرقلەندۈردۇق.

  يۇقىرىقىلارنى ئومۇملاشتۇرغاندا، مەھكىمىمىز «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» ۋە «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلوسىنى قاراپ چىقىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاش ھەققىدىكى بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم چىقاردى:

  1. جاۋابكار لى ⅩⅩكە باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن ئون يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلسۇن.

  2. جاۋابكار ۋاڭⅩⅩكە باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن 12 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلسۇن، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئىككى يىل مەھرۇم قىلىنسۇن.

  3. جاۋابكار ۋېيⅩⅩ (ئاكا) كە باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن تۆت يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلسۇن.

  4. جاۋابكار جاڭⅩⅩكە باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن ئۈچ يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىپ، بەش يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنسۇن.

  5. جاۋابكار ۋېيⅩⅩ (ئۇكا)كە باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن ئۈچ يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىپ، ئۈچ يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنسۇن. (لى نەننەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر