- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
پاكىستاندىكى يەر تەۋرەش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا
2013.09.29 09:27 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شۇ يەر ۋاقتى 26-سېنتەبىر، پاكىستان دۆلەتلىك ئاپەت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى، 24-سېنتەبىر بالۇچىستان ئۆلكىسىدە يۈر بەرگەن 7.8 بال يەر تەۋرەشتە 356 ئادەمنىڭ قازا قىلىپ، 600 نەچچە ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۆلۈپ-يارىلانغانلارنىڭ سانىدا يەنە داۋاملىق ئېشىپ بېرىشى مۇمكىنلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە بالۇچىستان ئۆلكىسىدىكى ئالتە رايوننىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىغان. نۆۋەتتە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ زور كۆپ قىسمى ئاۋولۇن رايونىدىن بولغان بولۇپ، گەرچە پاكىستان ئارمىيىسى، چېگرا مۇداپىئە قىسمى شۇنداقلا ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ئاپەت رايونىغا كىرىپ جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن يەر تەۋرەش يىراق، شارائىتى بىر قەدەر ناچار رايونلاردا يۈز بەرگەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش نىسپىي تارقاق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىسىم ئۆيلەر كېسەك ئۆيلەر بولغاچقا، زىيانغا ئۇچراش بىر قەدەر ئېغىر بولغان، يەرلىكتىكى قاتناش ئەسلىھەلىرى ئەسلىدىنلا تەرەققىي قىلمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىم ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىنغانلىقتىن، قانداق قىلىپ قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئەڭ تېز ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈش نۆۋەتتىكى ئەڭ قېيىن مەسىلە بولۇپ قالغان. ئۇنىڭدىن سىرت، يەرلىكتىكى تېخى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان ئالاقىمۇ بۇ قېتىم ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن، قۇتقۇزۇش خىزمىتى تېخىمۇ چوڭ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن.
پاكىستاندىكى ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشكە قارىتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون 26-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پاكىستاننى ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ، دەپ بىلدۈرگەن. پاكىستاننىڭ يېقىن دوستى ۋە قوشنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتىمۇ پاكىستاننىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن بارلىق زۆرۈر بولغان ياردەمنى قىلىشنى خالايدۇ.
لېكىن پاكىستان دۆلەتلىك ئاپەت باشقۇرۇش ئىدارىسى، پاكىستان ئۆزىدە بار بولغان مەنبەگە تايىنىپ يەر تەۋرەشكە قارشى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بارىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگانلىرى، خەلقئارادىكى ياردەم بەرگۈچىلەر ۋە بىر قىسىم يېقىن دۆلەتلەرنىڭ قىلغان ياردىمىگە ناھايىتى رەھمەت، ئەگەر پاكىستان تەرەپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە ھەرقانداق بىر ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، چوقۇم يۇقىرىقى ياردەم قىلغان تەشكىلات ۋە دۆلەتلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر