باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

4-قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا سىستېما بويىچە ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2013.09.25 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 4-قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا سىستېما بويىچە ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى 23-سېنتەبىردىن 24-سېنتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىندا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليۇرۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىندى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، ئىقتىساسلىقلار قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر، بولۇپمۇ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتەك تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2010-يىلى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيانقى 3 يىلدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ توغرا سىياسەت بەلگىلىشى ۋە قەتئىي رەھبەرلىكى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، مەركەزدىكى تارماق ۋە ئورۇنلارنىڭ كۈچلۈك ياردىمى ئارقىسىدا، شىنجاڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب-شىمالىدا كىشىنى ھەيران قالارلىق تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرىۋاتىدۇ. يەنە شۇنىمۇ ئېنىق كۆرۈش كېرەككى، شىنجاڭ تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق جەھەتتە نۇرغۇن ئالاھىدە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقاچقا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ داۋاملىق ياردەم بېرىشىگە مۇھتاج. (جاڭ شو خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر