باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى قارارلىق خىزمىتى ئاخىرلىشىپ قالدى، يەتتە كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ ئالتىسىدە چىرىكلىك مەسىلىسى بايقالدى

2013.09.27 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى قارارلىق كۆزىتىش ئاخىرلىشىپ قالدى. ھازىرغا قەدەر كۆزىتىلگەن ئون رايون، ئورۇندىن يەتتە چاتاق «تىزىملىكى» ئېلان قىلىندى. ھەربىر «تىزىملىك»نىڭ ئاخىرىغا «بىر قىسىم رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدىكى يىپ ئۇچى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا يوللاندى» دەپ يېزىلدى.

  جياڭشىنىڭ مەلۇم بىر بازىرىدا ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان ۋاڭ چياڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن چوڭ «يولۋاس»نى تارتىپ چىقالىشىمىز مومكىن.

  بۇ قېتىمقى كۆزىتىش باشلىنىش ئالدىدا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن «ئۆتكۈر كۆزىمىز بىلەن <يولۋاس> ۋە <چىۋىن>نى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك» دەپ تەلەپ قويغانىدى.

  مۇتەخەسسىس، ئالىملار مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى مەركەزنىڭ كۆزىتىشىنىڭ مەقسىتى «يولۋاس»نى تارتىپ چىقىشلا ئەمەس، ئۇنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيىتى كېيىنكى قەدەمدىكى مەركەزنىڭ كۆزىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئۈچۈن يول ئېچىشتا.

  پارتىيە ئىچىدىكى كۆزىتىش تۈزۈمى 1996-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، 2003-يىلى رەسمىي باشلانغان. بۇ يىل 8-ئاينىڭ 27-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا «چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ 2013‐‐2017-يىللىق خىزمەت پىلانى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، «پىلان»دا «پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، مەركەز ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ كۆزىتىش تۈزۈمىنى ياخشىلاش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىگە ئۇزۇندىن بۇيان دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىس لى يۇڭجۇڭ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇندىن كېيىن مەركەزنىڭ كۆزىتىش تۈزۈمى ماكان، رايون جەھەتتىن تېخىمۇ كېڭىيىدۇ، «ھازىر كۆزىتىش تۈزۈمى پەقەت مەركەز ۋە ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دىن ئىبارەت ئىككى دەرىجە بىلەنلا چەكلىنىۋاتىدۇ، شەھەر ۋە ناھىيەلەرنى، بولۇپمۇ ناھىيەلەرنى قاپلاشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قىيىن مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.» (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر