باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاڭشا، فۇجۇدىكى ساختا تېررورلۇق ئۇچۇرى تارقىتىش دېلوسىغا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارلىرى قولغا ئېلىندى

2013.11.06 15:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 – نويابىر تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 2 – نويابىر ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا خۇنەننىڭ چاڭشا، فۇجيەننىڭ فۇجۇ شەھەرلىرىدە ساختا تېررورلۇق ئۇچۇرى تارقىتىپ، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش دېلوسىدىن ئۇدا ئۈچى يۈز بەرگەن. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قوماندانلىق قىلىشى بىلەن، ئالاقىدار ج خ ئورگانلىرى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۈچ دېلونى پاش قىلغان ھەم تەن، شيې ۋە ۋاڭ فامىلىلىك جىنايەت گۇماندارلىرىنى جىنايى ئىشلار بويىچە قولغا ئالغان.

  خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدىكى خۇاڭخۇا ئايروپورتى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجۇ شەھىرىدىكى چاڭلې ئايروپورتى 27 – ئۆكتەبىر، 28 – ئۆكتەبىر ‹‹مەلۇم نۆۋەتچى ئايروپىلاندا بومبا بار›› دېگەن مەزمۇندا تېلېفون قوبۇل قىلغان؛ بىرەيلەن 31 – ئۆكتەبىر چاڭشادىكى خۇاڭخۇا ئايروپورتىغا ئىككى قېتىم تېلېفون بېرىپ: نۆۋەتچى ئايروپىلاندا قەرەللىك بومبا بار، دېگەن. بۇ ئۈچ دېلو سەۋەبلىك نۇرغۇن نۆۋەتچى ئايروپىلان جىددىي قونۇشقا ياكى ئۇچۇش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. ج خ مىنىستىرلىقى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ج خ ئورگانلىرىنى پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇش ھەم مەخسۇس تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان. ساقچى دائىرىلىرى پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئۈچ دېلونى پاش قىلغان ھەم تەن، شيې، ۋاڭ فامىلىلىك جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا ئالغان.

  ئۈچ جىنايەت گۇماندارى سوراقتا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان ھەم قەستەن ساختا تېررورلۇق ئۇچۇرى تارقىتىپ، ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانلىقى ھەم ئاممىۋى تەرتىپكە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىغا قاتتىق پۇشايمان قىلغان.

  ھازىر دېلو يەنىمۇ تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

  ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ساختا تېررورلۇق ئۇچۇرى ئويدۇرۇش جىنايىتى ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكى، شۇنداقلا يولۇچىلارنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالىدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ نورمال ئۇچۇش تەرتىپى ۋە يولۇچىلارنىڭ نورمال خىزمەت ۋە تۇرمۇش تەرتىپىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، پۇقرلار ئاۋىياتسىيە كارخانىلىرى بىلەن يولۇچىلارغا زور زىيان سالىدۇ. ج خ ئورگانلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنى ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ‹‹ساختا تېررورلۇق ئۇچۇرى ئويدۇرۇش، قەستەن تارقىتىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا قانۇننى تەتقبىقلاشقا ئائىت نەچچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات››قا ئاساسەن، جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر