باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ م تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، نوپۇس بېجىرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى

2013.11.06 14:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جامائەت خەۋپىسزلىكى مىنىستىرلىقى نۆۋەتتە پۇقرالار كۈچلۈك ئىنكاس قىلىۋاتقان نوپۇس بېجىرىش ، كېنىشكا بېجىرىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىن ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن قولايلىق يارىتىشنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئىش بېجىرىش جەريانىدا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاممىغا قارىتىلغان نوپۇس ئۇچۇرىدا لوگىكىلىك خاتالىق بارلار ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ دەرھال ئۆزگەرتىشى، ئىلگىرى خاتا تىزىمغا ئالغانلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈپ ئۆزگەرتىشى، ئامما نوپۇس بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق سىياسەت بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن ئەمما رەسمىيەت تولۇق ئەمەسلىرىگە يازما ئېنىق تەلەپ قويۇپ، بىر قېتىمدىلا ئاممىغا نېمىنى تولۇقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش، بىر قېتىملىق ئىشقا ئاممىنى نەچچە قېتىم يۈگۈرتمەسلىك، ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار، بېرىپ بېجىرىشى قولايسىز ئاممىغا ئىمكان قەدەر ئالدىن كېلىشىپ ئۆيىگە بېرىپ بېجىرىش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامانلىق ساقلاشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇناسىپ تەكشۈرۈش، باھالاش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تەرتىپلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ، بەلگىلىمە، ئىنتىزامغا خىلاپ نوپۇس بېجىرىش، كېنىشكا بېجىرىش مەسىلىسىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك، بىر كىشىنىڭ بىرنەچچە نوپۇسى بولۇش، ئۇچۇرنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق توسۇش كېرەك، خەلق ساقچىلىرى نوپۇس بېجىرىش جەريانىدا ئاممىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىق ھەققىدە شىكايەت قىلىنىپ، بۇنىڭ راستلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلسا خىزمىتىدىن بىردەك توختىتىلىپ، مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، خىزمىتىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ ساختا نوپۇس بېجىرگەنلەر بىردەك خىزمەتتىن ھايدىلىدۇ، جىنايەتكە چېتىشلىقلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ يوقارقى تەلىپىگە مۇتەخەسسسىلەر باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ھەققىدىكى بۇ تەدبىر ناھايىتى كونكېرت بولۇپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشقا چاپىدىغان ۋاقىتىنى ئازايتىپتۇ، بۇ مۇلازىمەتتىكى بەزى مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىدۇ، تەدبىرنىڭ تولۇق ئەمەلىيلىشىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس،ئەمما شۇنداقتىمۇ تەلەپنى ھەممە يەردە تەكىتلەش، تەلەپ بويىچە قىلمىغانلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، ھەتتا خىزمەتتىن توختىتىش كېرەك، ئاممىنى كۆڭلىگە پۈككەندىلا بىزنىڭ تەدبىرىمىز تولۇق ئەمەلىيلىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر