باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاپتوموبىللارغا ئورنىتىلغان گاز باكىنى ئېلېكتىرونلۇق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى

2013.11.06 15:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى چۈنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون ئاپتوموبىللارغا ئورنىتىلغان گاز باكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاپتوموبىللارغا ئورنىتىلغان گاز باكىنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش سىستېمىسى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى تەسىس قىلىپ، ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە ئاپتوموبىللارغا ئورنىتىلغان گاز باكىنى ئېلېكتىرونلۇق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى›› قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى يېقىندا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئاپتوموبىللارغا ئورنىتىلغان گاز باكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى تۈر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى››نى تارقاتتى، بۇ لايىھەدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلغان گاز باكلىرىغا 2015 – يىلى 12 – ئايغىچە ئېلېكتىرونلۇق بەلگە چاپلىنىپ، قىسىلغان تەبىئىي گاز (CNG)، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز (LNG) ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان قىسىلغان تەبىئىي گاز (CNG–L)نى يېقىلغۇ قىلغان تاكسى، ئاپتوبۇس، شەخسىي ئاپتوموبىل قاتارلىقلارغا ئورنىتىلغان گاز باكلىرىنى ئېلېكتىرونلۇق بەلگە چاپلاپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاپتوموبىللارغا گاز باكى ئورنىتىش ئورۇنلىرى، گاز قاچىلاش ئورۇنلىرى، تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى، مەمۇرىي تەپتىش ئاپپاراتلىرى ئۆز ئارا تورلاشقان ئۇچۇر سۇپىسى تەسىس قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹ئاپتوموبىللارغا ئورنىتىلغان گاز باكىنى ئېلېكتىرونلۇق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى›› دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلىپ، ئاپتوموبىللارغا ئورنىتىلغان گاز باكىنى ۋاقتىدا، ھەرىكەت ھالىتىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، قانۇنسىز ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش، باشقۇرۇش قالايمىقان بولۇش، بەلگىلىمىگە خىلاپ مەشغۇلات قىلىش ۋە ساختا كىنىشكا بىلەن گاز قاچىلاش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ قەتئىي ئالدى ئېلىنىدۇ.

  لايىھەدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپ بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 2015 – يىلى ئاپتوموبىللارغا ئورنىتىلغان گاز باكىنى ئېلېكتىرونلۇق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىلىپ، 2015 – يىل 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 30 – كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە بىر تۇتاش يېپىق ھالەتتە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدىكەن، ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئورۇنلىرىنى تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاپتوموبىللارغا ئورنىتىلغان گاز باكىنى ئېلېكتىرونلۇق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى تۈر قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالىدىكەن. 2016 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاپتوموبىللارغا ئورنىتىلغان گاز باكىنى ئېلېكتىرونلۇق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر