خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 5 ئايدا، ۋاڭ خوڭلياڭ 6 ئايرودرومغا تېلېفون قىلىپ، يالغاندىن 5 ئايروپىلاندا بومبا بار دېگەنلىكتىن، ئايروپىلان مەجبۇرىي قايتىپ، زىيان يېتىپ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 5-نويابىر چۈشتىن كېيىن، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەھىرى باۋئەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دىلوغا 1-سوت ھۆكۈمىنى چىقىرىپ، يالغان تېررورلۇق ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكار ۋاڭ خوڭلياڭغا مۇددەتلىك 5 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ۋاڭ خوڭلياڭ سوت ھۆكۈمىگە قايىل بولۇپ، ئەرز قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى