باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ چىلان پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2013.11.07 19:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-نويابىر، شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ چىلان قويۇلدۇرۇپ پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرى توقسۇ ناھىيەسىدە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، 160 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان تيەنجياۋخوڭ 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى «چىلان c-AMP» قويۇلدۇرۇپ پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپلەشتۈرۈش تۈرى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن يىللىق ئوتتۇرىچە 30 مىڭ توننا چىلاننى پىششىقلاپ ئىشلىيەلەيدىغان بولۇپ، ئون مىڭ توننا قويۇلدۇرۇلغان چىلان شەربىتى ۋە قوشۇمچە مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرالايدۇ.

  شىنجاڭ تيەنجياۋخوڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى توقسۇ ناھىيەسى 2010-يىلى كىرگۈزگەن سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش كارخانىسى بولۇپ، توقسۇ ناھىيەسىدە ماكانلاشقان 3 يىلدىن بۇيان كارخانا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ھازىر ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يېزا ئىگىلىكىنى كەسپلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم باشلامچى كارخانا بولۇپ قالدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر