باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم بىناسى يېنىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىگە ھازىرچە قەستەن پارتلىتىش دېلوسى، دەپ ھۆكۈم قىلىندى

2013.11.08 15:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تەييۈەن، 6 – نويابىر تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ سەنشى ئۆلكىلىك ج خ تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، تەييۈەن شەھىرى يىڭزې كوچىسىدىكى سەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم بىناسى يېنىدا 6 – نويابىر ئەتىگەندە يۈزبەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىدە بىر كىشى قازا قىلغان، بىر كىشى ئېغىر يارىلانغان، يەتتە كىشى يېنىك يارىلانغان. بۇ قېتىمقى پارتلىتىش ۋەقەسىگە ھازىرچە قەستەن پارتلىتىش دېلوسى، دەپ ھۆكۈم قىلىنغان.

  6 – نويابىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 30:10 دا، يىڭزې كوچىسىدا قاتناشنى ئىدارە قىلىش بىكار قىلىنىپ، قوش يۆنىلىشلىك قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ھازىر، ج خ تارماقلىرى بۇ دېلونى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەكشۈرۈۋاتىدۇ.

  6 – نويابىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 40:7 دا، تەييۈەن شەھىرى يىڭزې كوچىسىدىكى سەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم يېنىدا كىچىكرەك پارتلىتىش بۇيۇمى ئارقا – ئارقىدىن پارتلىدى. پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەزگەندىن كېيىن، ج خ تارماقلىرى بومبا چۇۋۇش ئەترىتى تەشكىللىگەن، نەق مەيداننى تەكشۈرۈشتە، باشقا پارتلىتىش بۇيۇملىرى بايقالمىغان. ج خ ساقچىلىرى نەق مەيداندىن پولات شارىك، توك يولى تاختىسى قاتارلىق پارتلىتىش بۇيۇملىرىنى تاپقان ھەم بۇ ۋەقەگە ھازىرچە قەستەن پارتلىتىش دېلوسى، دەپ دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر