باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تارىم نېفىتلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، قىشتا جەنۇبىي شىنجاڭنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ

2013.11.08 15:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: تارىم نېفىتلىك شىركىتىنىڭ ‹‹شىنجاڭدىكى داچىڭ›› قۇرۇش نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى بولغان خوتەن دەرياسى گازلىقى يەر ئۈستى قۇرۇلۇشى يېقىندا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىش باسقۇچىغا كىردى، بۇ تۈر قۇرۇلۇشى قىش كىرىشتىن ئىلگىرى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، بۇ چاغدا خوتەن ۋىلايىتىدىكىلەر تەمىنلىنىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنى بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدا تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تارىم نېفىتلىك شىركىتى خوتەن دەرياسى گازلىقى، كۆكيار گازلىقى ۋە ئوتتۇرا تارىم 1 – نومۇرلۇق گازلىق تەجرىبە رايونى قاتارلىق سەككىز گاز مەنبەسى رايونىدا يېڭىدىن بۇرغىلىنىدىغان قۇدۇق ئورنىنى بېكىتىشنى تېزلىتىپ، نېفىت زاپىسى كۆپ، ئىشەنچلىك قۇدۇقلارنى ئاۋۋال بۇرغىلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، خوتەن دەرياسى گازلىقى يەر ئۈستى قۇرۇلۇشى، قاراسۇ – بۈگۈر قوش لىنىيەلىك گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، قىشتا تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر