باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىچېل ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا نۇتۇق سۆزلەپ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى(1)

2013.11.11 16:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 8-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىرىنچى خانىمى مىچېل ئوباما باشقىلارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن «كىنو فىلىم ھاياتى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۆز تەسىراتىنى سۆزلىگەن. مۇھاكىمە يىغىنىدا مىچېل كىنو فىلىم، مۇزىكىنى تىلغا ئېلىپ، كومىدىيەلىك نومۇر كۆرسىتىپ باشقىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا پۈتكۈل پائالىيەت جەريانىدا ئەڭ چوڭ يورۇق نۇقتىغا ئايلانغان.

  ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مەقسىتى ۋاشىنگتون، نيۇيورك ۋە بوستوندىن كەلگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كىنو فىلىم ساھەسىگە قارىتا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ئىكەن. 49 ياشلىق، بىرىنچى خانىم مىچېل سەھنىدە تۇرۇپ، بىر فىلىمدىكى ئاساسلىق مۇزىكا «رومانتىك ئۇچرىشىش» نى سۆزلىگەن. مىچېل مۇنداق دېگەن، ئۇ ھەر قېتىم داڭلىق كومپوزىتور ئالان مېنكېن ئىجاد قىلغان، كىنو فىلىمنىڭ ئاساسلىق مۇزىكىسىنى ئاڭلىغان ۋاقتىدا، بولۇپمۇ «ساھىبجامال ۋە ۋەھشى ھايۋان» ناملىق فىلىمدىكى ئاساسلىق مۇزىكىنى ئاڭلىغان ۋاقتىدا، ئۆزىنى بىر گۈزەل دىسنىي مەلىكىسىدەك ھېس قىلىپ قالىدىكەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر