باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹مىللىي يېزىلارنىڭ مەمۇرىي خىزمەت نىزامى›› ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى خاتىرىلەندى

2013.11.11 16:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مېھرىگۈل تۇردى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 8 – نويابىر سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹مىللىي يېزىلارنىڭ مەمۇرىي خىزمەت نىزامى›› ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

  ئۇقۇشىمچە، 2012 – يىلىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا توققۇز مىللەتنى ئاساس قىلغان جەمئىي 42 مىللىي يېزا قۇرۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە قازاق مىللىي يېزىسىدىن 13 ى، موڭغۇل مىللىي يېزىسىدىن ئونى، قىرغىز مىللىي يېزىسىدىن ئالتىسى، خۇيزۇ مىللىي يېزىسىدىن بەشى، تاجىك مىللىي يېزىسىدىن تۆتى، شېۋە، داغۇر، ئۆزبېك، تاتار مىللىي يېزىلىرىدىن بىردىن قۇرۇلغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ‹‹مىللىي يېزىلارنىڭ مەمۇرىي خىزمەت نىزامى›› ئېلان قىلىنغان 20 يىلدىن بۇيان، مىللىي يېزىلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈنۈملۈك تېزلىتىلدى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتى كاپالەتلەندۈرۈلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. نۆۋەتتىكى يېڭى ۋەزىيەتتە، نىزامنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك چارە – تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مىللىي يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك؛ مىللىي يېزىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان، ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان تەرەققىيات يوللىرىنى تېپىپ چىقىپ، ئالاھىدە، ئەۋزەل، يېڭىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولىدىغان كەسىپلەرگە كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىپ، مىللىي يېزىلارنىڭ ئۆز تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر