باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئارافاتنىڭ قايغۇ ھەسرەتكە تولغان قەھرىمانلىق تەقدىرى

2013.11.11 08:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-نويابىر پەلەستىننىڭ سابىق رەھبىرى ياسىر ئارافات ۋاپاتىنىڭ توققۇز يىللىق خاتىرە كۈنى. بۇ ئالاھىدە كۈننىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈم سىرى يەنە بىر قېتىم تاراتقۇلارنىڭ جەلپكار نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئەرەب يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى6-نويابىر مۇنداق دېدى: شۋېيتسارىيەنىڭ جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئارافاتنىڭ پولونىي بىلەن زەھەرلەنگەن بولۇش مۇمكىنچىلىكى قايتا كۆرسىتىلدى. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان سۆزلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىشى ھاياتى بىر ئۆمۈر داۋالغۇش ئىچىدە ئۆتكەن ئارافاتنى يەرلىكىدىمۇ تىنچ ياتقۇزمايلا قالماستىن، ئاران قايتا باشلىنىۋاتقان تىنچلىق مۇساپىسىغا كۆپلىگەن تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  2002-يىلى ئەتىيازدا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا مەدەت بەردى دېگەن بانا بىلەن قىسىم ئەۋەتىپ ئارافاتنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى شەھەر رامئاللاھتىكى مەھكىمىسىنى قورشىۋالدى ھەمدە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قوزغاپ،ئۇنىڭ ھەرىكەت قىلىش دائىرىسى ۋە تۇرۇش ئورنىنى تارايتىپ، قارشىلىق كۆرسەتكەن قوراللىق كۈچلەرنى تازىلىدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى بىر مەھەل ئارافات بىلەن تام ئارقىلىقلا ئايرىلىپ تۇردى. ئارافات قايتا قولىغا قورال ئېلىپ ئاخىرقى ئۇرۇشنى قىلىشقا تەييارلىق قىلدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئارافات تۇرغان جاينى ۋەيران قىلمىغان بولسىمۇ، تىركىشىش داۋامىدا تۈرمە كامېرىغا ئوخشىمايدىغان كامېر شەكىللەندى. ئارافات بۇ يەردە ئىككى يىلغا يېقىن تۇردى.

  2004-يىلى 10-ئايدا ئۆمرى ئاخىرلىشىپ قالغان ئارافاتنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ناچارلاشتى. خەلقئارادىكى كۈچلەرنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا، ئىئوردانىيە پادىشاھى مەخسۇس تىك ئۇچار ئايروپىلانى بىلەن نەزەر بەند قىلىنغان جايدىن ئايرىلىپ، فرانسىيەنىڭ پارىژدا داۋالىنىشقا يۈرۈپ كەتتى. ھەمدە بىر ئايدىن كېيىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلىپ، مۆجىزىلىك ھاياتى بىلەن خوشلاشتى. فرانسىيە ھاۋا ئارمىيىسى دوختۇرخانىسى ئارافاتنىڭ نامەلۇم ۋېروس بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. پەلەستىندە ئارافاتنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىق توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تاقالدى. ئۇنىڭ ئايالى سۇخامۇ بۇ خىل مەيداندا بولدى. پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئالاقىدار ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلدى ھەمدە رامئاللاھتا ئارافاتنى داغدۇغىلىق دەپنە قىلدى.

  2012-يىلى 7-ئايدا ئارافات پولونىي بىلەن زەھەرلەندى دېگەن سۆز تۇنجى قېتىم ئاخبارات بەس مۇنازىرىسىگە ئايلاندى. يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىشى؛ سۇخانىڭ ئارافاتنىڭ چىش چوتكىسى، كىيىم كىچىكى بىلەن تەمىنلىشى بىلەن شۋېتسارىيىدىكى مەلۇم تەتقىقات ئورنى بۇ نەرسىلەردە يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى پولونىي210 ماددىسى بار، شۇڭا ئارافات سۈنئىي زەھەرلىنىپ قازا قىلغان بولۇشى مۇمكىن دېگەن يەكۈننى چىقاردى.

  پولونىي210 رادىئاكتىپلىق، رول ئويناشچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئېلېمېنت،يېرىم زەئىپلىشىش دەۋرى 134 كۈن بولىدۇ. ئارافات ۋاپات بولغاندىن 2012-يىلى 7-ئايغىچە بولغان ۋاقىت سەككىز يىل تۆت ئاي تەخمىنەن 3000 كۈن بولۇپ، 22 زەئىپلىشىش دەۋرىگە تەڭ. ئەگەر ئارافاتنىڭ چىش چوتكىسى، كېيىم كىچىكىدە قېلىپ قالغان پولونىي 210 نىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولسا، ئۇنىڭ جىنىغا زامىن بولغان پولونىي210 نىڭ قويۇقلۇقىنى قانداق بىرلىك بىلەن ئۆلچىگىلى بولىدۇ. مۇنداق زەھەرلىك ئېلېمېنت ئەرافاتقا تەسىر كۆرسەتكەنمۇ؟ ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كۆپلىگەن ياردەمچىلىرى ۋە داۋالاش خادىملىرى زەھەرلەنگەنمۇ قانداق؟

  ئوسلو تېنچلىق سۆھبىتىدىن ئىلگىرىكى يىللاردا ئىسرائىلىيە ھەقىقەتەن ئارافاتنى قەستلەيدىغان تۈرلۈك ئاماللارنى قوللانغان بولسىمۇ، لېكىن ئوسلۇ تىنچلىق كېلىشىمى تارىخنى ئۆزگەرتتى. ئارافات تىنچلىق شېرىكىگە ئايلاندى. گەرچە ئارافات كېيىنكى بىر قانچە يىلىدا ئىسرائىلىيەنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ دۈشمىنىگە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر قايسى دۆلەت تاراتقۇلىرىدا ئۆمرى ئاخىرلىشىپ قالغان ئارافاتنى قەستلەش ئىسرائىلىيەگە نېمە پايدا ئېلىپ كەلدى دېيىلدى. تاراتقۇلاردا يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئىسرائىلىيە پولونىي210 بىلەن ئارافاتنى زەھەرلەپ ئۆلتۈردى دېگەن سۆز، ئىسرائىلىيە ئارافاتنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەبچى بولدى دېگەندىن تۈزۈكتەك تۇرىدۇ. چۈنكى شەكلى ئۆزگەرگەن نەزەربەند قىلىنىش ھاقارىتىگە ئۇچراش، ئەركىنلىكىنى بوغۇش، سەھىيە شارائىتىنىڭ ناچارلىشىشى، ئارافاتنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى شۇنىڭ بىلەن تېزلا كېسەل بولدى.

  ئارافات پولونىي بىلەن زەھەرلەندى دېگەن سۆزنىڭ سىرى زادى نېمە؟ سىياسىيونلارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ بەلكىم ئەينەن ئەھۋالى بولۇشى مۇمكىن ياكى مەڭگۈ سىر بولىشى مۇمكىن. مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر يەرلىككە قويۇلغان ئارافاتنىڭ مىيىتى تەكشۈرۈلۈپ ئارافاتنىڭ روھى ئازابلاندى. سىياسىيدىن ئايرىلغان ئارافاتنىڭ روھى يەنىلا خاتىرجەمسىزلەندى. بۇ ئارافاتنىڭ قايغۇ ھەسرەتكە تولغان قەھرىمانلىق تەقدىرىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر