چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئاھالىلەر كەڭ كۆلەمدە ئامېرىكا قارشى نامايىش قىلغانلىقىغا قارىتا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى 4-نويابىر «ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتىدە ھېلىھەم ئېغىر دەرىجىدە ئىشەنمەسلىك ئەھۋالى مەۋجۇت» دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى 4-نويابىر يۈز بەرگەن ئامېرىكىغا قارشى نامايىشقا قارىتا «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ھېلىھەم ئېغىر مەسىلە بار» دېدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى يەنە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەرەپ ئىران يادرو مەسىلىسىدىن ئىزچىل ئەمدىشە قىلىدۇ، بۇمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتىكى بىر توسالغۇغا ئايلىنىپ قالدى، خەلقئارادىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەمكارلىق ئاساسىدا كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
1979- يىلى، ئامېرىكىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ، ئامېرىكىنىڭ 52 نەپەر دىپلوماتىك خادىمى 444 كۈنگىچە تۇتقۇن قىلىنغان. خەۋەردە ئېيتىلىشچە، بۇ قېتىمقى ئامېرىكىغا قارشى نامايىش دەل مۇشۇ ۋەقەنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: گەرچە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما 9- ئايدا ئىران پرېزىدېنتى روھانى بىلەن تېلېفوندا پاراڭلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى قاتمال ۋەزىيەتنىڭ داۋاملاشقىنىغا نەچچە 10 يىل بولدى، ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
بۇ يىل تېھراندا يۈز بەرگەن نامايىشنىڭ كۆلىمى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىنمۇ كەڭ بولدى. نەق مەيداندا ئوقۇغۇچىلار ۋە ئامما ئامېرىكىغا قارشى پلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى شوئارلارنى توۋلاپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ باش سۈرىتىنى دەسسەپ چەيلىدى. ئىراندىكى باشقا ئاساسلىق شەھەرلەردىمۇ مۇشۇنداق نامايىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئىراندىكى مۇتەئەسسىپ گۇرۇھلار بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئىراندا ئامېرىكىغا قارشى كۈچنىڭ ھېلىھەم قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى خامەنەئى 3- ئۆكتەبىر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئامېرىكىنى «كۈلۈمسىرەيدىغان دۈشمەن» گە ئوخشىتىپ، ئامېرىكىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ، دەپ قارىدى.