باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنى تارقىتىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى

2013.11.13 15:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6 – ئۆكتەبىر، مورسىينىڭ ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ قوللىغۇچىلىرى قاھىرە كوچىلىرىغا چىقىپ ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى. ئۈچ ئاي غايىب بولغان سابىق زۇڭتۇڭ مورسىينىڭ كېلەر ئايدا سوتلىنىدىغانلىق خەۋىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى مىسىرغا قايتىدىن تارتتى.

  9 – ئۆكتەبىر قاھىرە نارازىلىق ئەرز سوتى سابىق زۇڭتۇڭ مورسىينىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ زورلۇق قىلىش ۋە ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنى ئۆلتۈرۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىق جىنايىتىنى سوتلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇ كۈنىگە كەلگەندە مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىمۇ قانۇنسىز تەشكىلاتقا ئايلىنىدۇ.

  ئادۋوكات: پۈتۈن ئەيىبلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان قاھىرە نارازىلىق ئەرز سوتىنىڭ باشلىقى نابىل مۇنداق دېدى: 11 – ئايدا مورسىي ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ 14 رەھبىرى سوتلىنىدۇ. ئۇلار بۇلتۇر دېكابىردا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئەتراپىدىكى مورسىيغا قارشى ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنى ئۆلتۈرۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىدۇ.

  بۇلتۇر 4 – دېكابىر، نۇرغۇن كىشىلەر زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى سىرتىغا يىغىلىپ، مورسىيدىن تەختتىن چۈشۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. ئەتىسى ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر بىلەن مورسىينىڭ قوللىغۇچىلىرى يەنە توقۇنۇشۇپ قېلىپ، 10 نەچچە ئادەم قازا قىلغان.

  مىسىر ئوتتۇرا شەرق ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: تەپتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، مورسىي جۇمھۇرىيەت قىسىمىنىڭ باشلىقى بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىغا ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنى تارقىتىۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەندە، بۇ ئىككىيلەن رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن مورسىينىڭ ئۈچ مەسلىھەتچىسى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا مورسىيغا قارشى تۇرغۇچىلارغا زورلۇق قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. لېكىن، مورسىينىڭ ئادۋوكاتى ئاتىيە 9 – سېنتەبىر بۇ دېلو خۇددى باشقا دېلولارغا ئوخشاشلا ئويدۇرۇلغان، دېدى.

  100 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە تەشكىلات مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنى داڭلىق دىنىي زات ھەسەن بانا 1928 – يىلى قۇرغان. ئۇ شىۋېيتسارىيەلىك ئىسلام ئالىمى تارىچ راماداننىڭ بوۋىسى. تارىختا مىسىر ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنى كۆپ قېتىم تارقىتىۋەتكەن. 2011 – يىلى مىسىردا پاراكەندىچىلىك يۈز بەرگەندىن كېيىن، مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى «ئەركىنلىك ۋە ئادالەت پارتىيەسى»نى قۇرۇپ، شۇ يىلىدىكى پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى مورسىي زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان.

  مورسىي تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، مىسىر ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى زورلۇق پەيدا قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلدى، دەپ مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىنى كۆپلەپ قولغا ئالغان. كەينىدىن مىسىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنى تارقىتىۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. سېنتەبىردە، قاھىرە جىددىي ئىشلار سوتى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ تارمىقىنىڭ مىسىردا ھەرىكەت قىلىشىنى مەنئى قىلىش، ئۇلارنىڭ بارلىق مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش توغرىسىدا كېسىم چىقارغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر