باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى 3-ئومۇمىي يىغىندىكى يارقىن نۇقتىلار

2013.11.13 16:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى 12-نويابىر كەچتە ئېلان قىلىندى. مەخسۇس ئورگان قۇرۇپ، بىر تۇتاش ئىسلاھ قىلىشتا، دۆلەتنىڭ ئوڭشاشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىندى، بۇ بەش مىڭ خەتلىك ھۆججەت كەڭ دىققەتنى قوزغىدى.

  ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش مەقسىتى-جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئوڭشاش سىستېمىسى ۋە ئوڭشاش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئاخباراتتىكى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات تېزىسىدىكى باشلامچى بۇ بايانات قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ شىشيەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ-جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئوڭشاش سىستېمىسى ۋە ئوڭشاش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇشى، بۇ يېڭى ئۇسۇل-بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك يارقىن نۇقتا بولدى. بۇ-تۈزۈم سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپكە چېتىلىدۇ.

  ئومۇمىي يىغىن ئاخباراتىدا، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ باش لايىھەسى، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيلىشىشىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل قىلىدۇ دېيىلدى. مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ باشلىقى قوشۇمچە باش مۇھەرىرى، پىروفېسسور شيې چۈنتاۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ-مەركەزنىڭ ئىسلاھاتقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى شۇنداقلا مەركەزنىڭ ئىسلاھات ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىلگىرى ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئىسلاھاتنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەسئۇل بولغان، ئەمما ئىسلاھات مۇرەككەپ ۋە تەخىرسىز ھەم تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش زۆرۈر بولغانلىقتىن، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى بىر قىسىم تەرەپلەردە چەكلىمىگە ئۇچرىغان. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى تېخىمۇ نوپۇزلۇق خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئىسلاھاتنى پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش، ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ھەر بىر ھالقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە نازارەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلالايدىكەن، بۇ-ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىق، بىر پۈتۈنلۈك، تەڭكەشلىكىگە پايدىلىق ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر