خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈر تارىم توغراق ئورمان باغچىسى يېقىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ AAAA دەرىجىلىك مەنزىرە سەيلىگاھى باھالىشىدىن ئۆتتى. بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تارىم دەرياسى تەبىي توغراقلىق ئورمىنى دۇنيادىكى كۆلۈمى ئەڭ چوڭ ، زىچلىقى ئەڭ يوقۇرى بولغان 400 مىڭ مودىن ئارتۇق كۆلەمدىكى قەدىمىي توغراقلىق بولۇپ، ھەر يىلى نۇرغۇللىغان ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ ئۆزگىچە تەسىراتقا ئىگە بولماقتا. بۇ يىل بۈگۈر ناھىيەسى بۇ ئورۇنغا ئىككى مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كىچىك پويىز ۋە تومۈر يول قۇرۇلۇشىنى يېڭىلاپ ، 270 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ساياھەت رايونى مەركىزىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ، دۆلەت AAAAA دەرىجىلىك مەنزىرە سەيلىگاھى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ئاساس ياراتتى.
بۈگۈر ناھىيە سوخۇ يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىدىن ئىحتىيارىي مۇخبىرىمىز ئىلھام ياقۇپ خەۋىرى فوتوسى
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى