باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېركىل بىلەن لاگارد ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بىرلىكتە رەھبەرلىك قىلامدۇ؟(1)

2013.11.14 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىنگاپور ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى تورىنىڭ ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» ياۋروپا نۇسخىسىنىڭ باش مۇھەرىرى تونى باربورنىڭ ماقالىسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، 12 ئايدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئانگىلا مېركىل بىلەن كىرىستىنا لاگارد رەھبەرلىك قىلىشى مۇمكىن ئىكەن، ئۇنداق بولغاندا پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى بۇلاردا بولىدىكەن. ئامېرىكا قىتئەسىلىكلەر بىلەن ئاسىيالىقلار بەلكىم ياۋروپا ئاخىرىدا ئىتتىپاقلىشامدۇ-قانداق دەپ سورىشى مۇمكىن.

  قەدىرلىك دوستلار، سىنگاپور ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى تورىنىڭ ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» ياۋروپا نۇسخىسىنىڭ باش مۇھەرىرى تونى باربورنىڭ ماقالىسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، 12 ئايدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئانگىلا مېركىل بىلەن كىرىستىنا لاگارد رەھبەرلىك قىلىشى مۇمكىن ئىكەن، ئۇنداق بولغاندا پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى بۇلاردا بولىدىكەن. ئامېرىكا قىتئەسىلىكلەر بىلەن ئاسىيالىقلار بەلكىم ياۋروپا ئاخىرىدا ئىتتىپاقلىشامدۇ-قانداق دەپ سورىشى مۇمكىن.

  ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي ئەمەلنى تەقسىم قىلىش ئۇسۇلىغا قارىغاندا، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ياۋروپانىڭ ئوينىغان خەلقئارا رولىغا قارىتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىدە ئىختىلاپ بار، شۇڭا ئۇلار ھەتتا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنى ئەسلا خالىمايدۇ دېگەن مۇۋاپىق قاراشقا كېلىشكە بولىدۇ.نۇرغۇن پۇرسەتلەر ئىسراپ بولدى. مېركىلگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ ئەمدىلا گېرمانىيەنىڭ پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ياۋرو رايونى كىرىزىسىدىكى ھالقىلىق تەدبىر بەلگىلىگۈچى، شۇڭا ئۇنىڭ ھېرمان ۋانرۇمپىينىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرىدىن تەركىب تاپقان ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تامامەن سالاھىيىتى توشىدۇ.خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى، فىرانسىيەنىڭ سابىق مالىيە مىنىستىرى لاگاردقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭغا نوزى مانۇئېل بارروسونىڭ ئورنىغا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىجرائىيە ئورگىنى بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇش پۇرسىتى زور.بۇ ئىككىسىنى بىرلىكتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلىش-ناھايىتى ئېسىل تەدبىر. ئاياللارنىڭ ئاممىۋى ساھەدىكى رولىغا قارىتا، بۇ-ياۋروپا پوزىتسىيىسىنىڭ يۈرەكلىك باياناتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاخىرىدا، ئۇ-فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيە ھەمكارلىقىنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىدۇ، ئەگەر بۇ خىل ھەمكارلىق بولمىسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى چەۋەندازى بولمىغان تۇلپارغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

  بۇنىڭ پەقەت ئۇخلىماي چۈش كۆرگەنلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولساق، ۋان رۇمپىينىڭ سۆزىنى ئويلاپ باقساقلا بولىدۇ. ئۇنىڭ تۈپكى كۆز قارىشى شۇكى، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى مەڭگۈ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان ۋەزىپە دەپ ئويلىماسلىق كېرەك. ئەكسىچە، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مەسىلىنى ھەل قىلىش، مۇرەسسە، ياراشتۇرۇش ۋە ئىختىلاپلارنى تۈگىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى لازىم.

  ۋان رۇمپىي بېلگىيەلىك، ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقىنىنى بىلىدۇ. 2009-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تەسىس قىلدى، ئۇ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ بىردىنبىر تولۇق ۋەزىپىدىكى رەئىسى بولغان ئادەم. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئەمەس، بەلكى بىر رەئىسنى ئويلاشقانلىقى ئۈچۈن ئۇنى رەئىسلىككە تاللىغان. مۇشۇ نۇقتا بولغانلىقتىن، مېركىلنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش ئۈمىدى بولمايدۇ ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ رىقابەتكە قاتنىشىش ئىپادىسىنى بىلدۈرمىدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر