باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتى قۇرۇشى كىملەرنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى؟

2013.11.14 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ 13-نويابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگونىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتى قۇرۇشتىكى نىشانى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان .

  شۇ كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى : تۈنۈگۈن ، 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىندا دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتى قۇرۇش قارار قىلىنىپتۇ . جۇڭگو تەرەپ بۇ ئورگاننى قۇرۇشتا نېمىنى ئويلىدى ؟ بەزىلەر بۇنىڭ سەۋەبى ياپونىيەدىمۇ ‹‹ياپونىيەچە دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتى ›› دەيدىغان بىر ئورگاننىڭ بولغانلىقىدىن دېيىشىدىكەن . سىز بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىسىز؟

  چىن گاڭ مۇنداق دېدى : سىزنىڭ بايىقى سوئالىڭىزنىڭ كەينىدىكى باسقۇچى ماڭا قۇرۇلغان توزاقتەك تۇرىدۇ . مەن باياتىن جۇڭگونىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنى قۇرۇشتىكى مەقسەتنىڭ نېمىلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتۈم .شەك-شۈبھىسىزكى، جۇڭگونىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنى قۇرۇشى ، تېررورچىلارنى ، بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنى ، ئۇچىغا چىققان ئەسەبىي كۈچلەرنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى . ئومۇمەن ئېيتقاندا ، جۇڭگونىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان ئاشۇ ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر